قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىدە ئېچىلغان «تاشگۈل»لەردە نۇرغۇن رومانتىكلىقلار ئىپادىلەندى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

قاراقۇرۇم ئېگىزلىكى

«ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپمۇ ئاتىلىدۇ

بۇ يەردە يىل بويى قەھرىتان سوغۇق، قار-شىۋىرغانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

«ئوكسىگېننى قانغۇچە سۈمۈرگىلى بولمايدۇ، شامال تاشلارنى ئۇچۇرۇپ تۇرىدۇ

7-ئايدالەپىلدەپ قار ياغىدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە پاختىلىق چاپان كىيىشكە توغرا كېلىدۇ»

گۈل-گىياھسىز

قاقاس تاغ

بوران-چاپقۇن، ئاپتاپ ۋە يامغۇرنى باشتىن كەچۈرگەن تاشلار

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم تۇەنىنىڭ جەڭچىسى جياڭ گېڭخۇينىڭ

نەزەرىدىكى تېپىلغۇسىز رەسىم ماتېرىياللىرىغا ئايلاندى

ھەربىي سەپكە كىرىشتىن ئىلگىرى

جياڭ گېڭخۇي جىلىن كارتون شۆيۈەنىدە ئوقۇغانىدى

ۋەتەننى، چېگرانى قوغداۋاتقان قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى

ئىككى يىل ئىلگىرى

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان جياڭ گېڭخۇي

قەتئىيلىك بىلەن قەلەمنى تاشلاپ قورالنى قولىغا ئېلىپ

قاراقۇرۇم ئېگىزلىكىگە كېلىشنى قارار قىلدى

«ئەڭ دەسلەپكى ئويۇم ناھايىتى ئاددىي ئىدى

مەن رەسىم سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق

گازارمىنى كۆپرەك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىشنىلا ئويلىغانىدىم»

جياڭ گېڭخۇينىڭ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى

جياڭ گېڭخۇيمەشىقتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سىزغان

نۇرغۇن نەپىس تاش رەسىملىرى ئارقىلىق

قىسىمدىكى تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى خاتىرىلىدى

ئۇ قار-شىۋىرغانغا قارىماي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاراۋۇللارنى

داۋاندىن ھالقىغاندىكى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشلارنى

ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقان يولۋاستەك جەڭچىلەرنى

قاراقۇرۇم تېغىنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى خاتىرىلىدى

.....

جياڭ گېڭخۇينىڭبەدئىىي ماھارىتىنى كۆرگەن

تېخىمۇ كۆپ سەپداشلىرى

ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدىغان بولدى

پەقەت ۋاقىت يار بەرسىلا

جياڭ گېڭخۇي سەپداشلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئىمكانقەدەر قاندۇردى

ھەر بىر پارچە تاش رەسىم

چېگرا رايوننىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماي

ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى خاتىرىلەپ

كۆپچىلىكنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى

ھەر بىر پارچە تاش رەسىمنىڭ ئارقىسىدىكى چېگرانى قوغداش ھېكايىسى

جانلىق تەربىيە خام ماتېرىيالىغا ئايلاندى

تۇەننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا

جياڭ گېڭخۇي باشلامچى بولۇپ رەسىم سىزىش ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى قۇرۇپ

چېگرانى قوغداش تاش رەسىمى، تام رەسىمى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ

ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتقانلىق ھېكايىسىنى بايان قىلدى

مەشىق ئورنىدا تۇرۇشلۇق ھەر بىر نۇقتىدا

ئۇلار سىزغان رەسىملەر بار بولۇپ

ئەتراپىدىكى ئىشلار ماتېرىيال قىلىنغان، چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان بۇ رەسىملەر

تاش، تاملارغا سىزىلىپلا قالماي،

تېخىمۇ مۇھىمى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىگە ئورناپ،

چېگرانى قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ

غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

ئۇلار مىلتىقنى قولىغا ئالغاندا

چېگرانى قوغدايدىغان ئېگىزلىك جەڭچىلىرى

رەسىم قەلىمىنى قولىغا ئالغىنىدا

ئىشتىياق بىلەن رەسىم سىزىدىغانھەربىي لاگېر رەسساملىرى

ئۇلار تاشنى رەسىم سىزىش رەختى قىلىپ

ئېگىزلىك چېگراسىنىڭ گۈزەللىكىنى تەسۋىرلەپ

ئەتراپىدىكى سەپداشلىرىنىڭ چېگرانى چىڭ ساقلاپ، تۆھپە قوشقانلىقىنى خاتىرىلەپ

ئېگىزلىكنى ھەرخىل رەڭدە بېزەپ

چېگرانى قوغداش تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزدى