​شىنجاڭ تۆمۈريولىغا يەنە ئەزا قوشۇلدى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

يېڭى تىپتىكى فۇشىڭ ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسى تۇنجى قېتىم نامايەن بولدى

11- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 10دىن 46 مىنۇت ئۆتكەندە، C857، C806 قېتىملىق فۇشىڭ ناملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن كورلا، قاراماي تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى، بۇ، CR200J -C تىپلىق فۇشىڭ ناملىق ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم نامايان بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

2019- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تۇنجى قېتىم سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىرلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنى سەپلىگەندىن بۇيان، ئىككى تىپتىكى جەمئىي 22 گۇرۇپپا فۇشىڭ ناملىق پويىز تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قاتنىدى، مۇقىم، راھەت، قولايلىق سەپەرگە چىقىش ئۇسۇلى شىنجاڭ شەھەرلەر ئارا قاتنىشىدا ماھىيەتلىك ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مۇشۇ ئاساستا، بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن CR200J -C تىپلىق فۇشىڭ ناملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش، يولۇچى توشۇش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشتىكى يەنە بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ.

سائەتلىك سۈرئىتى 160 كىلومېتىرلىق CR200J -C تىپلىق فۇشىڭ ناملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى مەركەزلەشكەن ئوق پويىز گۇرۇپپىسى شىنجاڭ تۆمۈريولى «فۇشىڭ ناملىق» جەمەتىدىكى 3- خىل پويىز تىپى بولۇپ، بۇ پويىزنىڭ يولۇچى توشۇيدىغان سەككىز ۋاگونى بار، رەڭگى، بېزىلىشى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. «تۇخۇمەك يېشىلى» بىلەن «جۇڭگو ئېقى» ئارىلاش ئىشلىتىلگەن، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 232.5 مېتىر، بېكىتىلگەن يولۇچى سېلىش سانى 676 ئادەم. CR200J -B تىپلىق پويىز بىلەن ئوخشاش سوقىچاق بولۇپ، CR200J -A تىپلىق پويىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ۋاگون گەۋدىسى 30 سانتىمېتىرغا يېقىن كېڭەيگەن، ئەڭ چوڭ ئورۇندۇق ئارىلىقى 107 سانتىمېتىرغا يەتكەن، ئورۇن ئىككىنچى دەرىجىلىك ئورۇن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئورۇن ۋە سودا ئىشلىرى ئورنى دەپ ئايرىلغان، سودا ئىشلىرى ئورنى بۇ قېتىم يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئورۇن بولۇپ، ئورۇندۇقلىرى ئايلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، يولۇچىلار پويىزغا ئولتۇرسا تېخىمۇ ئازادە ۋە راھەت ھېس قىلىدۇ.

(چېن جىۋېي، چېڭ شاشا)

پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋېيبوسى