شىنجاڭ 14 خىل يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈرىنىڭ سۇغۇرتىلاش، تۆلەم ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇردى

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رەن خۇ) يېقىندا، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار ئۈلگە كۆرسىتىش ماددىلىرى (2023- يىللىق نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈلگە كۆرسىتىش ماددىلىرى» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، 14 يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۈرىنىڭ سۇغۇرتىلاش، تۆلەم بېرىش مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇردى.

بۇ، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى 2021- يىلى بېسىپ تارقاتقان «شىنجاڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق سۇغۇرتىسىدىكى تۆت ئاساسلىق سۇغۇرتا تۈرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ماددىلىرى»، «شىنجاڭ باغ- ئورمان ئۆستۈرۈش سۇغۇرتىسى (مۇكاپات- ياردەم تولۇقلىمىسى تىپى) ئۈلگە كۆرسىتىش ماددىلىرى (2021- يىللىق نۇسخىسى)» ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى يەنە بىر تەدبىر.

«ئۈلگە كۆرسىتىش ماددىلىرى»دا بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، قىزىلچا، ئاپتاپپەرەس، دادۇر، زاراڭزا، قىچا، خاسىڭ، ياڭيۇ، كېۋەزدىن ئىبارەت مەركەز سىياسىتى بويىچە ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلىدىغان 11 تېرىقچىلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئانار، ئەنجۈر، شاپتۇلدىن ئىبارەت يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاز مىقدارلىق 3 باغۋەنچىلىك سۇغۇرتىسى (مۇكاپات- ياردەم تولۇقلىمىسى تىپى) سىناق نۇقتىسى قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش، ھەق نىسبىتىنى تەڭشىشىنى تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە ئۆلچەملىك ھۆججەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى خەيبىن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تېز تەرەققىي قىلدى، لېكىن تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى تۆلەم ئۆلچىمى ۋە تۆلەم شەكلى بىردەك بولمىدى. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ماددىلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش مۇمكىنچىلىكى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتىلاش، تۆلەم بېرىش مۇلازىمىتى ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ماددىلىرىنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپى جەمئىيىتى كەسىپ كۈچىنى توپلاپ، «ئۈلگە كۆرسىتىش ماددىلىرى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزدى.

لى خەيبىن مۇنداق بىلدۈردى: «ئۈلگە كۆرسىتىش ماددىلىرى»دا ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ سۇغۇرتا توختامىدىكى سۇغۇرتا مۇددىتى، سۇغۇرتا نىشانى، سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى، يەشمىسى قاتارلىق مەزمۇنلار قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك زىرائەت، ئاز مىقدارلىق باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىدىكى 14 خىل كېسەللىك، ھاشارات، چاشقان زىيىنىنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئېغىر كېسەللىك، ھاشارات، چاشقان ئاپىتى، ياۋايى ھايۋانلار زىيانغا ئۇچرىتىش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت ۋە كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەر تۇنجى قېتىم سۇغۇرتا جاۋابكارلىقى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ماددىلاردىكى جاۋابكارلىقى بىرلىككە كەلمەسلىك مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان خېرىدارلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئىتى يەنىمۇ قوغدالدى.