ئىللىق كۆرۈنۈش! شېنجېنلىق ساياھەتچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدەپ توغراقلىقنى تاماشا قىلىۋاتقاندا ئاپتوموبىلى پاتقاققا پېتىپ قالدى، ئۇلار نېمە ئۈچۈن «كېلەر يىلى شىنجاڭغا يەنە كېلىمىز» دەپ پۈتۈشتى؟

日期:2023年11月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر دوۋ مىڭيۈەن) بىر قېتىملىق مەخسۇس ئاتلىنىش، بىر قېتىملىق كۈتۈلمىگەن كېلىشمەسلىك، بىر مەيدان قۇتۇلدۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش ئىللىق كۆرۈنۈشى، بىر ئالاھىدە پۈتۈشۈش... شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بۇ ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىشلەر شېنجېندىن كەلگەن تۆت ساياھەتچىنىڭ گۈزەل ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.

10- ئاينىڭ 31- كۈنى، شاياردىكى سەپىرىنى ئەمدىلا تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن جى شىنجيې تېلېفوندا بۇ قېتىملىق سەپىرىنى ئەسلەپ: «ئەھمىيەتلىك سەپەر بولدى» دەپ يىغىنچاقلىدى.

شىنجاڭدىكى توغراقلىقنى كۆرۈش جى شىنجيېنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىستىكى بولغاچقا، 10- ئاينىڭ 27- كۈنى، باشقا ئۈچ دوستى بىلەن مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ، شاياردىكى توغراقلىققا بېرىپ كۈز پەسلىدىكى ئالتۇن رەڭلىك توغراقلاردىن ھۇزۇرلاندى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: «ئىلگىرى تورلاردا ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل توغراقلارنى كۆرگەن بولساممۇ، لېكىن ئۆزۈم ھەقىقىي ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق ئىچىدە تۇرۇپ، كۆز ئالدىمدىكى ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل مەنزىرىدىن چەكسىز ھاياجانلىنىپ، يىغلىۋېتەي دېدىم»، دېدى.

كەچقۇرۇن ئالتۇن رەڭلىك كەچكى شەپەق نۇرى توغراقلىققا چۈشكەندە، كۆز ئالدىدىكى گۈزەل مەنزىرە بۇ تۆتەيلەننى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار گۈزەل مەنزىرىگە مەستخۇش بولۇپ تۇرغاندا ئاپتوموبىلنىڭ پاتقاققا پېتىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئاپتوموبىلنى نەچچە قېتىم ئالدىغا ھەيدەپ، كەينىگە ياندۇرۇش نەتىجىسىدە، ئاپتوموبىل پاتقاققا بارغانسېرى چوڭقۇر پېتىپ قالدى. ئاستا- ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈپ، ھاۋا تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلىدى. ئۇلار ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كېيىن، ساقچىلارغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىدى.

ساياھەتچىلەرنىڭ ئاپتوموبىلىنى تارتىپ چىقىرىشىپ بېرىش نەق مەيدانى.

سەمەتجان ئەخمەت فوتوسى

«يارىلانغانلار بارمۇ؟ قورقماڭلار، بىز ھازىرلا يېتىپ بارىمىز!» سائەت 18دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شايار ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خادېدۈن ساقچىخانىسى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇشقا بېرىش يولىدا، ساقچىخانىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى راخمان ئەخەت يېقىن ئەتراپتىكى قېزىش ماشىنىسى شوپۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇپ ياردەم بېرىشكە قاتنىشىشقا چاقىردى، ساقچىخانا باشلىقى جاۋ لۇڭ تېلېفوندا ئاپتوموبىلدا قاپسىلىپ قالغان ساياھەتچىلەرگە تەسەللى بەردى. مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بەش مىنۇت بولمايلا خەلق ساقچىلىرى چوڭ تىپتىكى قېزىش ماشىنىسىنى ئېلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى.

خەلق ساقچىلىرى كۈرەكنى ئىشلىتىپ ساياھەتچىلەرنى ئاپتوموبىلدىن ئوڭۇشلۇق چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئارغامچا بىلەن پاتقاققا پېتىپ قالغان ئاپتوموبىلنى بىخەتەر جايغا تارتىپ چىقارماقچى بولدى. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئاممىمۇ قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى، ئۇلار قۇرۇپ قالغان دەرەخ شاخلىرىنى سۆرەپ كېلىپ، لايغا دەسسەپ تۇرۇپ ئۇلارنى چاق ئاستىغا قويۇپ، ئاپتوموبىل چاقىنىڭ قۇرۇق چۆگىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. يېرىم سائەتتىن ئارتۇق تارتىپ سۆرەش ئارقىلىق ئاپتوموبىل ئاخىرى بىخەتەر جايغا ئېلىپ چىقىلدى.

قۇتقۇزۇش ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن ساياھەتچى يۈ خاۋرەننىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، خەلق ساقچىلىرىنىڭ پىداكارلىق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ئۇلارنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. قۇتقۇزۇشقا كەلگەن خەلق ساقچىلىرىنىڭ ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقى لايدا ھۆل بولۇپ كەتكەن، جاۋ لۇڭ لايدا تۇرۇپ ئاپتوموبىلنىڭ بىر قەدەر قىيسىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ھېچنېمىنى ئويلىماستىنلا دەرھال ئاچقۇچنى ئېلىپ ئاپتوموبىلغا چىقىپ، قېزىش ماشىنىسىنىڭ ئاپتوموبىل سۆرىشىگە ماسلاشقان. يەنە كۆپ قېتىم ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ لايدا تۇرۇپ ئاپتوموبىلنىڭ يۆنىلىشى ۋە چاقنىڭ ئورنىنى كۆزىتىپ، ئاپتوموبىلنىڭ يۆنىلىشنى كۆپ قېتىم توغرىلاپ، ئاخىرى ئاپتوموبىلنى بىخەتەر جايغا ھەيدەپ چىقىپ، ئاپتوموبىلنىڭ نورمال يۈرۈشىدە چاتاق يوقلۇقىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوموبىلنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇلارغا تاپشۇرغان.

«رەھمەت، شىنجاڭ ساقچىلىرى بەك ياخشى ئىكەن، سىلەر ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەنسىلەر...» تۆتەيلەن پۇل بېرىپ خەلق ساقچىلىرى ۋە قېزىش ماشىنىسى شوپۇرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، كەسكىن رەت قىلىندى. راخمان ئەخەت مۇنداق دېدى: «بۇ يەردىكى ھەر بىر كىشى باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ياردەم قىلغىنىغا مىننەت قىلمايدۇ».

جى شىنجيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: شېنجېنغا قايتىشتىن بۇرۇن، بىر نەچچە يېقىن دوست كېلەر يىللىق ساياھەت پىلانىنى پۈتۈشۈپ بولدۇق: «بىز كېلەر يىلى شىنجاڭغا يەنە كېلىمىز، شايارغا بېرىپ توغراقلارنى كۆرىمىز، بىزگە ياردەم قىلغان دوستلارنى مەخسۇس يوقلايمىز».