​شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年11月05日
来源:天山网
【字体:

7 - قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار، بالىلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

​شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، 7 - قېتىملىق ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار، بالىلار خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاياللار، بالىلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، تەجرىبىلەر ئالماشتۇرۇلۇپ، يېتەرسىزلىكلەر تېپىپ چىقىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاياللار، بالىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى بۇرچ تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، 7 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاياللار، بالىلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت، قائىدە - نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەت، جەمئىيەت قاتنىشىش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاياللارنىڭ تەدبىر بەلگىلەشكە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇشقا قاتنىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بالىلارنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن - ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، بارلىق بالىلارنىڭ ئادىل مەنپەئەتلىنەلەيدىغان مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تۇغۇلغان نوپۇسنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بالىلار پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى مەنبەدىن قوغداشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ۋە سىياسەتنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. ئائىلە قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغان سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدىكى خاس رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئائىلە ئىناق، بەختلىك، خاتىرجەم بولغان جانلىق ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاپ قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاياللار، بالىلار خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى پۇختا تولۇق ئادا قىلىپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، دائىم غېمىدە بولۇش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللار، بالىلار تەرەققىيات پىروگراممىسىنى يولغا قويۇشتىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەر تەقدىرلەندى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.