178 دوكتورئاشتىلار پونكىتىدىكى زور ئۆزگىرىش

日期:2023年11月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا

يېقىندا ئاياغلاشقان 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دوكتورئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى دوۋ يىڭيىڭ كوللېكتىپىنىڭ «بۇلغىنىشقا تاقابىلچان ئۆزلۈكىدىن تازىلىنىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى سۇسىزلاندۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساش» تۈرى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر مىس مېدالنى قولغا كەلتۈردى. كوللېكتىپنىڭ مەسئۇلى دوۋ يىڭيىڭ پونكىتتىكى تەتقىقات ۋەزىپىسىنى تاماملىغان دوكتورئاشتى بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئايدا جۇڭشەن داشۆدىن شىنجاڭغا كىرگۈزۈلگەن.

«دوۋ يىڭيىڭ كوللېكتىپىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى شياڭۋېي.

ئۇلۇغۋار ئىشلاردا ئىختىساسلىقلار ئاساس. مەركەز ئىختىساسلىقلار خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، 10 مىليارد يۈەنلىك شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلىش، «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇش قاتارلىق بىر قاتار ئەمەلىي ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ئارقىلىق، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش، ئېلىپ قېلىشتەك يېڭى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاقىللارغا تەشنا بولۇشتەك سەمىمىيىتىنى سىجىل نامايان قىلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوندا دوكتورئاشتىلار پونكىتىدىن 178ى تەسىس قىلىنىپ، پونكىتتا تۇرۇشلۇق دوكتورئاشتىلارنىڭ سانى 582گە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. تۈركۈم - تۈركۈم ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى دۆلەت ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، مۇھىم ساھە، نۇقتىلىق تۈر، مۇھىم پەنلىرىدە ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ، باش رول ئېلىپ، «ئەڭ كۈچلۈك چوڭ مېڭە»نىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، يەنتەي باجياۋۋەن خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە، 2 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك دوكتورئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ يەتتە مۇسابىقە تۈرىدىكى رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولدى.

يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ باشقا كەسىپ - ساھە تۈرىدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتورى ياڭ فەن تۆۋەندە تۇرۇپ، ھەمكارلاشقان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ «قۇرغاق رايونلاردىكى چۆللۈك بىلەن ئورالغان بوستانلىقلاردا ئۈچ بىخەتەرلىكنى ماسلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى» تۈرى توغرىسىدىكى دىسسېرتاتسىيەسىگە يېقىندىن دىققەت قىلدى.

«بۇ يىل 4 - ئايدا، ئاپتونوم رايوننىڭ <5 + 2> نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن، مەن شىئەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسىدىن شىنجاڭغا كەلدىم، ئۆزۈم پىششىق ئىگىلىگەن سۇ بىر تەرەپ قىلىش تەتقىقاتىنى شىنجاڭدىكى چۆللىشىش، شورلىشىشنى تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات خىزمىتىنىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى تېپىپ چىقتىم.» ياڭ فەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خىزمەت ئورنۇم مېنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» كىرگۈزۈش پىلانىنىڭ ياش دوكتورلار تۈرىگە ئىلتىماس قىلىشىمغا ياردەم بەردى، تاللانغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون بىر قېتىمدىلا 200 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ۋە ھەر يىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا 300 مىڭ يۈەن خىراجەت مەبلىغى ياردىمى بېرىدىغان، ئۇدا ئۈچ يىل قوللاپ، مېنىڭ پۈتۈن زېھنىم بىلەن پەن تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇشىمغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بولدى.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى كادىرلار باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جياڭ خۇيپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» كىرگۈزۈش پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى تەتقىقات ئورنىمىزنىڭ شەرقىي قىسىمدىن يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش غەيرىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بۇ يىل تەتقىقات ئورنىمىز 40 نەچچە دوكتورنى كىرگۈزدى، نۆۋەتتە، پونكىتتا تۇرۇشلۇق دوكتورلارنىڭ سانى 80دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى.

دېڭىز بىپايان بولغاچقا بېلىقلار ئەركىن ئۈزەلەيدۇ. «14 - بەش يىل»دىن بۇيان، ئاپتونوم رايون قوبۇل قىلغان دوكتورئاشتىلارنىڭ سانى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 120دىن 140قىچە ئارىلىقتا بولدى، بۇ يىل 10 - ئايدا 140تىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.2 ئاشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» كىرگۈزۈش پىلانى ئارقىلىق، 400دىن ئارتۇق ياش دوكتور بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىشتىكى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى جارى قىلدۇردى.

لى شياڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: دوكتورئاشتىلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون كەينى - كەينىدىن «<گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ دوكتورئاشتىلار تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دوكتورئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيەت بازىسىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمى، تۆھپىسىنى يۆنىلىش قىلغان ئىختىساسلىقلارنى باھالاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەش، ئۇنۋان ھەممىنى بەلگىلەش، ئوقۇش تارىخى ھەممىنى بەلگىلەش، مۇكاپات تۈرى ھەممىنى بەلگىلەش قاتارلىق ناچار خاھىشلارنى تۈگىتىپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن باغلاقنى بوشاتتى.

«پەن تەتقىقات خىزمىتى مۇكاپاتلاش چارىسى» «قابىللار باشلامچى بولۇش باشقۇرۇش چارىسى»... شىنجاڭ ئۆلچەش - سىناش تەتقىقات ئورنىدا بىلىمنىڭ قىممىتىنى جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن باغلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دوكتورئاشتىلار تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلچەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم قوزغاتقۇچقا ئايلانماقتا.

«دوكتورئاشتىلار خىزمەت پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى تۈردە دۆلەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇكاپاتقا، بىر تۈردە ئۆلكە دەرىجىلىك 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، تۆت تۈردە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئىككى تۈردە دۆلەت دەرىجىلىك تەتقىقات تېمىسىغا، ئالتە تۈردە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك تۈرگە قاتناشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتقانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ» دېدى شىنجاڭ ئۆلچەش - سىناش تەتقىقات ئورنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جيا گۇاڭچېڭ.

ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، تېخنىكىدىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەردە تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىندى

زور بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان ياش ئىختىساسلىقلار نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش، كۆمۈر - كۆمۈر ئېلېكتىر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە - يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ، ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ۋە ساھەلەردىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 11دە، قابىللار تېما ئېلىش مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە - يېڭى ماتېرىيال مۇسابىقە تۈرى مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، ۋاقىت ھېسابلىغۇچتا يەنە ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىنۇت قالغانلىقى كۆرسىتىلگەندە، دوۋ يىڭيىڭ بۇرۇنلا تەييارلاپ قويغان مەھسۇلاتىنى چىقىرىپ، مۇتەخەسسىس باھالىغۇچىلارغا بۇلغىنىشقا قارشى ئۆزلۈكىدىن پاكىزلىنىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى سۇسىزلاندۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنىڭ تېخنىكا قائىدىسىنى كۆرسەتتى.

كىرگۈزۈلگەن ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇزاق مۇددەت ئۆزلۈكىدىن پاكىزلىنىدىغان سىرتقى يۈز تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان دوۋ يىڭيىڭ شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپىنىڭ ئىستىقبالىدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار.

«ئالىي مەكتەپلەردە ئۇل تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا كەسىپلەشتۈرۈش مەسىلىسىنى ناھايىتى ئاز ئويلىشاتتۇق، لېكىن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىغا كەلگەندىن كېيىن، رەھبەرلەر ھەمىشە <بىز دۆلەت ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك> دېدى، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئادەمنى ناھايىتى ئىلھاملاندۇرىدۇ» دېدى دوۋ يىڭيىڭ.

چوڭ ئۆلچەملىك ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق يورۇقلۇق ئېلېكتىر كىرىستالىنى تەتقىق قىلىش؛ كۆپ تىللىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىشەنچلىك ھېسابلاش؛ ئاق كېسەل ۋە دىيابېت كېسىلىگە قارشى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش؛ ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا نورمال ئىشلىيەلەيدىغان سېنزورنى لايىھەلەپ ياساش... جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكتورئاشتىلار پەن تەتقىقات كۆچمە پونكىتى ئىقتىساد ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشى ئۈستىدە ئىزدەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. 2022 - يىلى 1 - ئايدىن ھازىرغىچە، چىڭخۇا داشۆ، كامبىرج داشۆ قاتارلىق ئورۇنلاردىن دوكتورئاشتى قاتارلىق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلاردىن 70كە يېقىننى كىرگۈزدى، بۇ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن بەش ھەسسە ئاشتى.

كارخانىلاردا تەسىس قىلىنغان دوكتورئاشتىلار پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتلىرىمۇ كەسىپ زەنجىرى، تېخنىكا زەنجىرى ۋە ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇردى.

بىيودورا ۋە ساغلاملىق مۇسابىقە تۈرى مۇسابىقە نەق مەيدانىدا، خۇاچۇن دورىگەرلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى خۇ شىشيەن مۇسابىقىگە قاتناشقان تۈر «خامۇشلۇققا قارشى يېڭىلىق يارىتىلغان جۇڭيى دورىسى − شېنگې بۆرەك قۇۋۋەتلەش كاپسۇلىنى بازارغا سېلىشقا ئىجازەت ئېلىش ھەم كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىش»نى تونۇشتۇرۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياش دوكتورئاشتى يەن لومېينى بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، باھالىغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

خۇ شىشيەننىڭ قارىشىچە، يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ ياساشتا سېلىنما كۆپ، ۋاقىت ئۇزاق، خەۋپ - خەتەت زور بولۇپ، دوكتورئاشتىلار خىزمەت پونكىتى بۇنىڭدا تېزلەتكۈچلۈك رولىنى ئوينىغان. «2015 - يىلى بىز دوكتورئاشتىلار خىزمەت پونكىتى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق».

ئىلمىي ماقالىنى ۋەتەن زېمىنىغا يېزىش. دوكتورئاشتىلار خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى دوكتورئاشتى تەتقىقاتچى خادىملار SCI قاتارلىق يادرولۇق قەرەللىك ژۇرناللاردا جەمئىي 4732 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى، دۆلەت دەرىجىلىك، ئۆلكە (مىنىستىر) دەرىجىلىك 3000دىن ئارتۇق تۈرگە قاتناشتى ياكى رىياسەتچىلىك قىلدى، 876 تۈردە كەشپىيات پاتېنتىغا ئېرىشتى، 321 پارچە مەخسۇس ئەسەر ئېلان قىلدى. دوكتورئاشتىلار ۋەكىللىكىدىكى تۈركۈم - تۈركۈم مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى جەڭگىۋار قوشۇنلۇق، زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە كەسىپلەر تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك ئەقلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

قويۇپ بېرىلگەن نەتىجىلەر كۈچلۈك ماگنىت مەيدانىغا ئايلاندى

«ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىشقا تايىناتتۇق، يەككە باھاسى 30 مىڭ يۈەن ئىدى. بىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان بۇ مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكىلىق پارامېتىرى چەت ئەل مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، باھاسى ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۈچتىن بىرىگىلا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئورنىغا دەسسىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.» بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ دوكتورئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمە رايونى شىنجاڭ كۆرگەزمە ئورنى ئالدىدا، شىنجاڭ ئۆلچەش - سىناش تەتقىقات ئورنى دوكتورئاشتىلار خىزمەت پونكىتىدىكى پونكىتتا تۇرۇشلۇق دوكتورئاشتى لى خەيبىڭ تاراتقۇلارغا ئۆز كوللېكتىپى تەتقىق قىلىپ ياسىغان سىمسىز تېمپېراتۇرا دەلىللەش ئەسۋابىنى تونۇشتۇردى.

لى خەيبىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بۇ سىمسىز تېمپېراتۇرا دەلىللەش ئەسۋابى شىنجاڭ سۈتچىلىكى، دورا ياساش زاۋۇتى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى قاتارلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا كەڭ قوللىنىلىپ، تەننەرخنى تېجەپلا قالماي، يەنە ئەنئەنىۋى سىملىق ئەندىزىنىڭ ھىم ئېتىلگەن قاچا بېسىمىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تۆۋەنلەتتى.

سىمسىز تېمپېراتۇرا دەلىللەش ئەسۋابىدىن باشقا، شىنجاڭ ئۆلچەش - سىناش تەتقىقات ئورنىنىڭ يەنە بىر مەھسۇلاتى بولغان تېمپېراتۇرا - نەملىكنى نەرسە تورى ئارقىلىق نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىمۇ قومۇل شەھەرلىك تالا تەكشۈرۈش ئورنىدا ياخشى باھاغا ئېرىشتى.

«تەجرىبىخانىمىز تۇراقلىق تېمپېراتۇرا، تۇراقلىق نەملىككە ئېھتىياجلىق، ئىلگىرى يۆتكىلىشچان تېمپېراتۇرا - نەملىك ئۆلچىگۈچنى ئىشلىتەتتۇق، ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەشكە توغرا كېلەتتى. بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا توردا تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنى كۆزىتىپ ئۆلچەيدۇ، ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈش، خاتىرىلەش ھاجەتسىز، نەچچە يىل بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلارنىمۇ چىقارغىلى بولىدۇ، ناھايىتى قولايلىق» دېدى قومۇل شەھەرلىك تالا تەكشۈرۈش ئورنى تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گوڭ جيەنجۈن.

ئاچقۇچلۇق ئورتاق خۇسۇسىيەتلىك تېخنىكا تەتقىقاتى، توپلاشتۇرۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپلەرنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا كۈچ قوشۇش... ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىۋاتقان ئىختىساسلىقلار سىياسىتى، مۇھىتى، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنىڭ ئۇرغۇتۇلۇشى ۋە قويۇپ بېرىلىشىنىڭ پايدىسىدا «بىردىن 100گىچە» بولغان ھالقىش رېئاللىققا ئايلانماقتا.

يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال مۇسابىقە تۈرى مۇسابىقە مەيدانىدىن چىققاندا، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتى نېفىت قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي مۇتەخەسسىسى خې لۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كوللېكتىپىمىز مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان تۈر «چوڭقۇر قاتلاملىق نېفىت زاپىسىنى تاللاش خاراكتېرلىك تەڭشەپ توسۇش بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە قوللىنىش» كوللېكتىپىمىزنىڭ نەچچە ئون يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ تارىم ئويمانلىقىدىكى چوڭقۇر يەر قۇرۇلۇشىدا سۇنى تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھېسابلىنىدۇ. 2010 - يىلىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسى نېفىتلىكىدە جەمئىي 296 قۇدۇق (قېتىم) نەق مەيداندا قوللىنىلىپ، جەمئىي 245 مىڭ 400 توننا نېفىت كۆپەيدى.

«كەسىپ ئېھتىياجى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەجرىبىخانا تەتقىقاتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان رېئال ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەسلىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.» لى شياڭۋېي مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى دوكتورئاشتىلار پونكىتلىرى كۆلىمىنى داۋاملىق پۇختا كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ دوكتورئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش پىلانى ۋە دوكتورئاشتىلار خەلقئارا ئالماشتۇرۇش پىلانى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ.