يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年11月03日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭخەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرى، قورغاس ناھىيەسىگە بېرىپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قىش پەسىللىك ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلانغان پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

قورغاس ناھىيەلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىدە، ئەركىن تۇنىياز ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋېلىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۆي چېقىش - كۆچۈرۈش ماجىراسى، دەل - دەرەخلەرنى كېسىشكە تۆلەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ياخشى ھەل قىلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش كېرەك.

قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى چىڭسىخوزا يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانا سېخىغا كىرىپ، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كەسىپلەر باغچىسى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ھەم قۇراشتۇرۇش كەسىپلەر باغچىسى تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەتكە بالدۇرراق كىرىشىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

قورغاس ناھىيەسىنىڭ فۇشوۋشەن تېغى قار تېيىلىش ئىستىراھەت بازىرىدا، ئەركىن تۇنىياز قار - مۇز كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قار - مۇز مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى بېيىتىپ، كۈتۈۋېلىش كاپالىتى ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «سوغۇق بايلىق»نى ھەقىقىي تۈردە «قىزىق كەسىپ»كە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بۇ يىل يولغا قويۇلغان ئىلى ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىنىڭ يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىدىن ئىجادىي پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى تۈرى شىنجاڭدىكى تۇنجى يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، پىششىقلاش، ئىشلىتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئىجادىي پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى. ئەركىن تۇنىياز بۇ تۈر جايلاشقان غۇلجا شەھىرى ئاقتۆپە سانائەت باغچە رايونىغا كىرىپ، تۈردە قوللىنىلغان تېخنىكا ھۈنەر - سەنئىتى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش نەق مەيدان كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، تۈرنى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تۈر سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش، توشۇش، پىششىقلاش، ئىشلىتىشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىلىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇشنى چۆرىدەپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە قاتارلىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. قورغاس شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى «ئۈچ بۆلەك رايون»نىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. دىققەتنى يىل بېشىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ياڭ شيۇلى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتكە قاتناشتى.