تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلايلى

日期:2023年11月03日
来源:天山网
【字体:

 شىن شىجيەن

ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، جاسارەت بىلەن تەرەققىيات قەدىمىنى باشلاش. يېقىندا، گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى؛ 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى − دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش مۇساپىسىدە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى بىر مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئالدىغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى، بىز كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

بۇ يىل باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ 10 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ھەر تەرەپنى قاپلىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يېڭى باسقۇچىدا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭغا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بەردى، بۇ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشىگە جەزمەن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مۇھىم تارىخىي پۇرسەت مۇھىم تارىخىي مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدا قۇرغان تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى دۆلەت تاپشۇرغان 129 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇلۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇلىدۇ، بۇ، ئوچۇق ھەمكارلىشىش دەۋر ئېقىمى تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىغا تاپشۇرغان ئۇيۇل تاشتەك مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىز.

مۇھىم ۋەزىپە زىممىمىزدە، كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا چېتىلىدىغان ساھەلەر كەڭ، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى يۇقىرى، بۇ، ھەم مۇھىم پۇرسەت، ھەم زور خىرىس. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. يۇقىرى نۇقتىدىن تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى تولۇق بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە تەشكىللەپ، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدە يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»، بولۇپمۇ 25 جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئاپپاراتى ۋە تۈزۈلمە - مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۈرۈشلەشكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى بۆلەك رايونلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

دولقۇن ئۆرلەپ كۆرۈندى دەريا يۈزى بىپايان، ئوڭ شامالدا كېمىلەر يەلكەن ئاچتى بەخىرامان. ئەركىن سودا سىناق رايونى تاشقى سودا سىناق رايونىلا ئەمەس، بىز تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا ئالدىدا ماڭىدىغان رايون، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى تەجرىبە ئېتىزى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىدىكى ئېشىش قۇتۇپى، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى ئېگىزلىك، تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى ئۈلگىلىك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلا، مەبلەغ سېلىش، سودا قىلىش قولايلىق، ئەۋزەل كەسىپلەر توپلاشقان، مۇھىم ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، باشقۇرۇش ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكىلىك رولى گەۋدىلىك بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا باغچە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا «يول ئىزدەش» ئۈچۈن، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا «كۈچ قوشۇش» ئۈچۈن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە «مەسىلە ھەل قىلىش» ئۈچۈن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.