ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىلدى

日期:2023年11月03日
来源:天山网
【字体:

نىزام چىقىرىش، نازارەتچىلىك قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېيخەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 15 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى تاللاپ تەكلىپ قىلىش خىزمىتى ھەم نىزام چىقىرىش بويىچە تەتقىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش بازىسى قۇرۇش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەش يىللىق يىرىك پىلانى (2027 − 2023) قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قۇرۇش نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قۇرۇلۇشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دائىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، «بىر رەھبەرلىك بەنزىسى» «بىر كەسپىي كوللېكتىپ» «بىر خىزمەت تورى» «بىر يۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى» بولۇش تەلىپى بويىچە، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىشقا قاتنىشىش، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قانۇننى تەشۋىق قىلىش - ئومۇملاشتۇرۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نىزام چىقىرىش بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرىنى تاللاپ تەكلىپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، نىزام چىقىرىش بويىچە تەتقىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش بازىسى قۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش نىزام چىقىرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ رېئال ئېھتىياجى، شۇنداقلا شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇتەخەسسىسلەرنى نىزام چىقىرىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، نىزام چىقىرىش بويىچە تەتقىق قىلىش، مەسلىھەت بېرىش بازىسى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىشنى كۈچەيتىپ، مۇتەخەسسىسلەر پىكىر - تەكلىپلەرنى ئىنكاس قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نىزام نۇسخىسىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىغا تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۈلكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، يىلغا بۆلۈپ تۆت چوڭ تۈردىكى نازارەتچىلىكنى ياخشى تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنى دوكلات قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك، تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.