ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

日期:2023年11月02日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىجاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى، باج - ھەقتە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم قارار، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. بۇ يەنە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى، بولۇپمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق 25 جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن باشقۇرۇش قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، پەرقلىق ئىزدىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باج - ھەق ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش بازار كۆزلىمىسىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش، بازار ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىش، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇناسىپ يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ يولغا قويۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتنىڭ بازار تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق پەن - تېخنىكىسى بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ھەمكارلىشىش - ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات سۇپىسى قۇرۇلۇشى، نەتىجىلەرنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېخىمۇ كۆپ كۈچلۈك ئاساسىي تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قوللاش سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ۋاسىتىسى ۋە يوللىرىنى بېيىتىپ، تور ۋە تور سىرتىدا ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋە كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى بىر پونكىت شەكلىدىكى تېخىمۇ كەسپىي، ئەلا سۈپەتلىك، پۈتۈن جەريانلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسىپلىشىش، رەقەملىشىش، ئۆلچەملىشىش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.