دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك

日期:2023年11月02日
来源:天山网
【字体:

جاڭ چۇنلىن خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىليۇ شياڭخەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، قاراقاش ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەكتەپ، كارخانا، يېزا، كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىل - يېزىق خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ساپاسى ۋە ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە ئوقۇش - ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسىنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، قانۇن - نىزام تەربىيەسى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان توپنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە ئاساسەن، قاراتمىلىققا، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇچۇرلاشقان، ئاقىللاشقان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش، كېڭەيتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى تۇتۇش كېرەك.