شەرق شامىلىغا تايىنىپ يەلكەن چىقىرىپ ئاتلىنىش

日期:2023年11月02日
来源:天山网
【字体:

− جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلانغان پەيتتە

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، خېي خۇڭۋېي، يۈ جياڭيەن

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى» دېيىلدى)نىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، شىنجاڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى.

ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىغا 10 يىل بولغان پەيتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما ھېسابلىنىدۇ.

شىنجاڭنىڭ بۇرچى شەرەپلىك، پۇرسەت مۇھىم! جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، قانداق قىلىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن «يول ئىزدەپ»، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «كۈچ قوشۇپ»، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن «مەسىلىنى ھەل قىلىش» كىشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇش

جۇڭگو خەرىتىسىنى ئاچقاندا، «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى روشەن بولۇپ، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك دەرۋازىسى ھېسابلىنىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشتە، ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، جۇڭگو شىنجاڭ دۇنيادىكى 181 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلدى، سودا ھەمراھلىرى كۆپ مەنبەلىك ئورتاق ئىلگىرىلىدى، سودا كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلار بەرپا قىلىندى، تاكامۇللاشتۇرۇلدى... شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى شارائىت پىشىپ يېتىلىپ ئىشلار ئۆزلۈكىدىن يۈرۈشتى دېيىشكە بولىدۇ.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدا قۇرغان تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ، دۆلەت تاپشۇرغان 129 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسى ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە پايدىلىق.

«شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم تارىخىي پۇرسەت.» ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق دېدى: بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە.

شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ چىڭسۇڭ مۇنداق قارىدى: ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلدى. ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى پائال بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە پايدىلىق.

لى شۈەن مۇنداق دېدى: «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»دە «ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇش» تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئورنى تېخىمۇ دەل جايىدا بېكىتىلدى ھەم ئېنىق ۋەزىپە تاپشۇرۇلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەركەز شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تاپشۇرغان ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىگە ھەر تەرەپلىمە نەزەر سالساق، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقى چوڭ، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يۇقىرى، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىيات ئەندىزىسى كەڭ.

«يېڭى سۇپا، يېڭى ئىزدىنىش، يېڭى پۇرسەت.» لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەرقلىق ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا، كۆپرەك نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىمىز.

تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىگە قۇچاق ئېچىش

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا دائىر پايدىلىق ياخشى خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىدە، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، A پاي چېكى بازىرىنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى ئاكسىيە بازىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى تەكشى ئېچىلغان ئەھۋالدا ئوڭۇشسىز شارائىتتا ئۆرلىدى. بازار يېپىلغانغا قەدەر، بۆلەكتىكى 40 پاي چېكى جانلاندى.

پاي بازىرى خەلق ئىگىلىكىنىڭ بارومېتىرى. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كاپىتال بازىرىغا بولغان ئىشەنچى شىنجاڭغا بولغان ئىشەنچىدىن كەلدى.

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەش. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، گونا يېڭى ماتېرىيال (ۋۇخەن) چەكلىك شىركىتى قورغاس شەھىرىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئۇنىۋېرسال مېتال ئىنچىكە پىششىقلاش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق پاراشوك ماتېرىيال كەسپى توپلاشقان رايون بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ 1 - باسقۇچىدا %30 ئۈسكۈنە قۇراشتۇرۇلۇپ بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

«شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىش ئەڭ توغرا تاللاش!» بۇ شىركەتنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى سەي زېچېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، بۇ، قورغاسنىڭ تاشقى سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى تېزلا زور دەرىجىدە ئۆسىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شىركىتىمىز ئىچكى ماھارەتنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قۇچاق ئاچىدۇ.

شىنجاڭ يېڭى ئەۋلاد يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى مىكرو ئورگانىزملىق ياسالما دورىلارنى كېڭەيتىپ قوللىنىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا بولۇپ، قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، مىكرو ئورگانىزم باكتېرىيە دورىلىرىنى يادرولۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، بەش چوڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

«تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بولدۇق، 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىش باشلىماقچى بولۇۋاتىمىز.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى نىجات ئوبۇل مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، شىركىتىمىز قەشقەرنى بازا قىلىپ، خەلقئارا بازار ئاچىدۇ.

«يېڭى پۇرسەتنى تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئىمپورت - ئېكسپورت بازىرى بەرپا قىلىمىز».

«ئۈرۈمچى شەھىرىدە شىنجاڭ تىتاننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنى قۇرماقچى بولۇۋاتىمىز».

...

باھار كېلىپ دەريا سۈيىنىڭ ئىللىغانلىقىنى ئاۋۋال ئۆردەك بىلىدۇ. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالغان كارخانىلارنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئىشنى ياخشى باشلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتىمۇ ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، ھالقىلار تېخىمۇ ئاز، تەرتىپ تېخىمۇ تېز، تەننەرخ تېخىمۇ تۆۋەن، سىياسەت تېخىمۇ ئەۋزەل، مۇلازىمەت تېخىمۇ ياخشى بولغان بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۇرغۇتىمىز.

تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق مەدەت شۇكى، سودا مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى تىرىشىپ جەلپ قىلىپ، توپلاپ، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

شىنجاڭ بانكا پاي چەكلىك شىركىتى قورغاستا تىجارەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى پىلانلىدى ھەم قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت - بانكا ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالاپ، تاشقى سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئوچۇق خاس كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. شىنجاڭ بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى لى شىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بانكىنىڭ پۇل مۇئامىلە ۋاسىتىسى بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇل مۇئامىلە كۈچىنى قوشىمىز.

ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى ۋە ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتىدۇ.

يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇش

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش يولغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش دۆلەت شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا يۈكلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى. «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ شىنجاڭ ئۆزگىچە ئۆرنەك ۋە تەجرىبىلەر بىلەن قانداق تەمىنلەيدۇ؟

«پۈتۈن شەھەرنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋۇ جۈن.

ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %75ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ئەڭ ياخشى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئەڭ ئەۋزەل رايون. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ يىللىق قاتناش مىقدارى ئۇدا بەش يىل 1000 قېتىمدىن ئارتۇق بولۇش ساقلاندى، توشۇلغان ماللار 200 نەچچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 21گە يەتكەن بولۇپ، ياۋروپا - ئاسىيادىكى 19 دۆلەت، 26 شەھەرگە تۇتاشتى. «لايىھە»دە «ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش. ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ھاۋا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى كۈچ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.

ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونىغا قوشقان يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.

«پورت ئىقتىساد بەلبېغى» يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى تۇتقىلارنىڭ بىرى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ ھەممىسىدە پورت بار، شۇنداقلا ھەممىسى نۇقتىلىق تۈگۈن پورت. «لايىھە»دە ئىچكى قۇرۇقلۇق پورت ئىقتىسادىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«پۈتۈن شىنجاڭدىكى پورتلارنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش جەريانىدا، ئالدى بىلەن ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىچىدىكى پورتلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، رەقەملىك تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز» دېدى لى شۈەن.

گو تىڭتىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى ۋە شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۆت چوڭ ساھەدە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

مەسىلەن، ئىقتىساد - سودا ساھەسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايون ئىقتىساد ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك مېخانىزم رامكىسى ئىچىدىكى پائالىيەتلەرگە پائال قاتنىشىدۇ ياكى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆتكۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ باش تېمىلىق كۆرگەزمە ۋە كەسىپ مەخسۇس تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. پەن - تېخنىكا ساھەسىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، بايلىق، مۇھىت، تېببىي دورا - ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردە بىرلەشمە تەجرىبىخانا ياكى تەتقىقات مەركىزىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. مەدەنىيەت - ساياھەت ساھەسىدە، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە يىپەك يولى ساياھەت كارىدورى بەرپا قىلىدۇ، چېگرا ساياھەت سىناق رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق رايونى بەرپا قىلىدۇ. مائارىپ، داۋالاش ساھەسىدە «چەت ئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش» پىلانىنى يولغا قويىدۇ؛ ئالاقە تورى چېگرا ھالقىغان يىراق مۇساپىلىك داۋالاشنى چوڭقۇر تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان «بۇلۇت دوختۇرخانا» بەرپا قىلىدۇ قاتارلىقلار.

بۇ تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسى يادرولۇق رايوننىڭ «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇش تېمىسىدىكى مۇھىم مەزمۇن بولۇپ، دۆلىتىمىز بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتتە پىكىرلىشىش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

ئۈمىد تاغدەك زور، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى «شەرق شامىلى»غا تايىنىپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يەلكىنى چىقىرىلدى.