ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك بەرپا قىلىنىدۇ

日期:2023年11月02日
来源:天山网
【字体:

− «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيې شىياۋ، گۇەن چياۋچياۋ

گوۋۇيۈەن يېقىندا «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. سودا مىنىستىرلىقى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، لايىھەگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

لايىھەدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ھەم تەرەققىيات نىشانىدا: تىرىشىپ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لايىھەدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە تەرەققىيات نىشانى چۆرىدىلىپ، 25 جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىنىدۇ

لايىھەدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەردە، «ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گو تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى قاتارلىق ساھەلەرنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش مۇلازىمەت كاپالىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش ۋە ئۆلچەم بېكىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قانۇن بويىچە ئادىل قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ۋە رايون تەرەققىيات سىياسىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا چەت ئەل مەبلىغىدىكى تەتقىق قىلىش - ئېچىش مەركىزى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىلىپ، تەتقىق قىلىش - ئېچىش خىراجىتى، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى تەتقىق قىلىش - ئېچىش خادىملىرىنىڭ سانى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىجازەت شەرتى تۆۋەنلىتىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش كۈچى يەنىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، چېگرا سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا بانكا، سۇغۇرتا، ئاكسىيە قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىپ، خەلقئارالاشقان، كۆپ مەنبەلىك پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ؛ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ۋە كىلىمات ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇپ، «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ؛ ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىشتاتلىق ئىش ئورنى، پەن تەتقىقات خىراجىتى، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش كاپالىتى قاتارلىق ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ.

ئېچىۋېتىش تىپىدىكى خاس كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇنىدۇ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي مۇنداق دېدى: لايىھەدە «ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش» «ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» «رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا 19 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسى بېرىلدى.

ئۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاش، كۆمۈر - كۆمۈر ئېلېكتىر - كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېشىل كانچىلىق، ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق - كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، يېڭى ئېنېرگىيە - يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» بەرپا قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئۈچ جەھەتتىكى خىزمەت كۈچەپ ياخشى تۇتۇلىدۇ:

دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ ۋە زورايتىلىدۇ. دۆلەت ئەلا سۈپەتلىك پاختا يىپ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىنىدۇ؛ چەككىلەش، خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىنىدۇ؛ باغ - ئورمانچىلىق، ئۈزۈم ھارىقى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ. شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ ئېكسپورتىدىكى يۆنىلىش تىپىدىكى، بولۇپمۇ ئەمگەك كۆجۈملىشىش تىپىدىكى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۆتكىلىشى پائال قوبۇل قىلىنىدۇ.

كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى تېز شەكىللەندۈرۈلىدۇ. دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق بازىسى ۋە رەڭلىك مېتال كەسىپ بازىسى قۇرۇلىدۇ. ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىشقا مەدەت بېرىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى يۈرۈشلۈك كەسىپلىرى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، دۆلەت خاس تېببىي دورا، كۆپ مىقدارلىق خام ئەشيا دورىلىرى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلىدۇ.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇلىدۇ. دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، دۆلەت ھېسابلاش كۈچى تۈگۈن نۇقتىسى بەرپا قىلىنىدۇ. خەلقئارا خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن يۇمشاق ماتېرىيال ھەم ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ. خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك رەقەملىك سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىدۇ.

سىرتقا ئېچىۋېتىش چوڭ يولى بەرپا قىلىنىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق جاي بولۇپ، تۈگۈن يول ئەۋزەللىكى روشەن. لايىھەدە «ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇش» «غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق دېدى: يول قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ، بوشلۇق يىپەك يولى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ تۈگۈنلۈك ئىقتىدارى كۈچەيتىلىپ، ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، ئايروپورت تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى، دۆلەت ئۇنىۋېرسال يۈك تىرانسپورت تۈگۈنى، قورغاس چېگرا پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇش تېزلىتىلىدۇ، قەشقەر خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى يولىنىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ساھەسى توغرىسىدا گو تىڭتىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت تاشقى مەدەنىيەت سودا بازىسى بەرپا قىلىش پائال ئىلتىماس قىلىنىپ، مۇزىكا - ئۇسسۇل، مەدەنىيەت مىراسلىرى، سەنئەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ. چېگرا ساياھىتى سىناق رايونى ۋە چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىق رايونى بەرپا قىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ چېگرا ھالقىغان ساياھەت لىنىيەسى بەرپا قىلىنىپ، خەلقئارا ساياھەت نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى تەتقىق قىلىپ ئېچىلىدۇ.

لايىھە بويىچە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يولغا قويۇلۇش دائىرىسى 179.66 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى، قەشقەر بۆلەك رايونى ۋە قورغاس بۆلەك رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)