ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە تاراتقۇ زاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年11月03日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە تاراتقۇ زاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشتە ۋە زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىناق، تىنچ بولغان ۋەزىيەتنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ بىز مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئىلگىرىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش ياراتتۇق. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر ئارقا - ئارقىدىن ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ «مىللەت» «دىن» «كىشىلىك ھوقۇق» قاتارلىق مەسىلىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئۈزلۈكسىز تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئەزالارنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئوبيېكتىپ، چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەرقانچە كۆپ يالغان - ياۋىداق سۆزمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن - ئاخىر كەڭ ئېچىۋېتىلگەن، بىزنىڭ دۇنياغا شىنجاڭنى نامايان قىلىشقا يېتەرلىك سەمىمىيىتىمىز، تولۇق غەيرىتىمىز، يۈكسەك ئىشەنچىمىز بار. كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، شىنجاڭنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى ھەقىقىي، گۈزەل شىنجاڭنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزمۇ «كىرگۈزۈش» «چىقىرىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، سۇرىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاسىم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۆزىنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرى ۋە قىممەت ئىدىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ ھەم نۇرغۇن مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپتۇ، ئىدىيەسى ۋە ئۈنۈمى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئالجىرىيە دىن ۋە ئىئانە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق ۋە تاشقى مۇناسىۋەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى سايەب، كۇۋەيت ئوتتۇرا يول ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇللا، پەلەستىن «يېرۇسالېم گېزىتى»نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى ئابۇ قادىر قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: غەرب تاراتقۇلىرى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدا ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ كەلدى، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىۋاسىتە ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىش كۆپچىلىك ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپتۇ. زوراۋانلىق، تېررورىزم مىللەت ۋە دىن بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسىدا، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دىن، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىق، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

سۇرىيە، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، ئالجىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىراق، ئومان، پەلەستىن، قاتار، كۇۋەيت، لىۋان، مىسىر، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.