يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكىگە قاراپ ئاتلىنىش

日期:2023年11月03日
来源:天山网
【字体:

− جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىدىن خاتىرە

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

ساپ ۋە سالقىن ھاۋالىق كۈزدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇش باشلاش باسقۇچىغا كىردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىغا 10 يىل بولغان، جۇڭگو ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغىنىغا 10 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم قارار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىيات مۇساپىسىدە زور بەلگە خاراكتېرلىك ۋە ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك دەرۋازىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكى بىلەن شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىدۇ. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى، ئۇنىڭغا سانسىز ئۈمىد يۈكلەندى، تەرەققىيات ئۈمىدى مۇجەسسەملەندى.

قىزىل يوپۇق ئېچىلغان ئاشۇ دەقىقىدە، چاقناپ تۇرغان «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى» دېگەن ۋىۋىسكا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش بۇرغىسى ياڭرىدى.

يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يۇقىرى يۈكسەكلىكتىن پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇش - يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يوپۇق ئېچىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئۈچ بۆلەك رايونغا ۋىۋىسكا بېرىلدى.

ھەرقايسى بۆلەك رايونلار پەرقلىق ئىزدىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، ھەرقايسىسى خاسلىققا ئىگە بولغان، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ بۇ «تەجرىبە ئېتىزى»نى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئۈچ بۆلەك رايون ئىچىدە، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپ ئاساسى ئەڭ ئەلا بولۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش ئۈرۈمچىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تارىخىي پۇرسەت. «بىز پۈتۈن شەھەرنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋۇ جۈن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قورغاسنىڭ سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش ۋە «ئىككى خىل بايلىق، ئىككى بازار» ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەستىقلىنىشى ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىش، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. «خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەلىك پورت قۇرۇش، خاس كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەدەنىيەت - ساياھەت خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد - سودا سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۆرنىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ئېرشات تۇرسۇنباي.

قەشقەر جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا يايسىمان ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ مەركىزى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى بۆلەك رايونلارنىڭ بىرى بولۇش قەشقەرنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىغا كۆپ پايدىلىق. «مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى يېڭى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىمىز» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن.

يېڭى نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچكە تولۇش. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىمۇ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ كەڭ ساھەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

«كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش» باشلاندى، «كەلگۈسى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. «ئەركىن سودا» دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، شىنجاڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە بولۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئوتتەك قىزغىنلىقىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىدا ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلەش دولقۇنىدا مەۋج ئۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقماقتا.