گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2023年11月01日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، گوۋۇيۈەن «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«لايىھە»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم قارار، يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك ئۆرنەك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تۈگۈن بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا تېخىمۇ چوڭ ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، پەرقلىق ئىزدىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق 25 جەھەتتىكى كونكرېت تەدبىرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى تىجارەت - سودا مۇھىتى ئەلا، مەبلەغ سېلىش، سودا قىلىش قولايلىق، ئەۋزەل كەسىپلەر توپلاشقان، مۇھىم ئامىل بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، باشقۇرۇش ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكىلىك رولى گەۋدىلىك بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەركىن سودا باغچە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

«لايىھە»دە مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى جەريانىدا ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېما قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن باشقۇرۇش قوشۇنى بەرپا قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئالاقىدار باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.