جۇڭگو (قەشقەر) − ئوتتۇرا ئاسىيا - جەنۇبىي ئاسىيا قانۇنچىللىق مۇنبىرى قەشقەردە ئۆتكۈزۈلدى

日期:2023年11月01日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار فېڭ جياشۇن، بەي ياڭ) دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا - جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت، قائىدە، ئۆلچەمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قانۇنچىللىق بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

بۇنى مۇخبىر 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە شىنجاڭ قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو (قەشقەر) − ئوتتۇرا ئاسىيا - جەنۇبىي ئاسىيا قانۇنچىللىق مۇنبىرىدىن ئىگىلىگەن. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە ئېلان قىلىنغان «بىر بەلباغ، بىر يول» قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەشەببۇسنامىسىدە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك قوللايدىغان قائىدە، ئۆلچەمنى كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ تۈر قۇرۇلۇشى، تىجارەت، سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇش قاتارلىق ھالقىلارنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىدىغان خەلقئارا قائىدە، ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مۇلازىمەت سودىسى ۋە رەقەملىك سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، بىخەتەر بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، دەۋا بىلەن مۇرەسسە، كېسىم ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلغان كۆپ مەنبەلىك ماجىرا ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى كېسىم ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرلەشمە كېسىم مېخانىزمى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتناشقۇچى تەرەپلەرنىڭ قانۇن جەھەتتىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسىنى خەلقئارا سودا ئىشلىرىدىكى تالاش - تارتىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ساھەسىدە قوللىنىش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

تەشەببۇسنامىدە يەنە قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا قانۇن يۈرگۈزۈش ھەمكارلىقى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چەت ئەل ھەق تەلەپ سودا ئىشلىرى ھۆكۈمى ۋە چەت ئەل كېسىم قارارىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشقا قولايلىق يارىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ۋاڭ چېن مۇنداق بىلدۈردى: قانۇنچىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئاساس ۋە كاپالەت. جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق، قانۇن خىزمەتچىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى زور قانۇن مەسىلىلىرى تەتقىقاتىنى سىجىل كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتناشقۇچى تەرەپ بىلەن قانۇن ۋە ئەدلىيە مەمۇرىيىتى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك بولۇپ، مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، قاتلىمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پائال نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ تېخىمۇ كۆپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانۇنچىللىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو (قەشقەر) − ئوتتۇرا ئاسىيا - جەنۇبىي ئاسىيا قانۇنچىللىق مۇنبىرىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق ئىلىم ئالماشتۇرۇش مەركىزى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملار، ئەمەلىي ئىشلار ساھەسىدىكى زاتلار قاتارلىقلار «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.