ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز 2023 - يىللىق جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا كېسىم مۇنبىرىگە قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年11月01日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا 2023 - يىللىق جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا كېسىم مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، كېسىم ساھەسىدىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشقا ئالاقىدار ئىشلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ مۇنبەرگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئالاقىدار دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە پائال تۈرتكە بولدى، ئىقتىساد - سودا تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك، خەلقئارا ھەمكارلىق بوشلۇقى كەڭ بولدى. جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، سودا ئىشلىرى كېسىمىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوغداشتىكى مۇھىم رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا كېسىم مۇنبىرى جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلاپ، يېڭى يول ئېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ. سودا - سانائەت، قانۇن ساھەسىدىكى ھەرقايسى زاتلارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سىجىل تۈردە جۇڭگونىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئىشلىرى جەھەتتىكى قانۇن ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى، رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىيلەشكەن قانۇن مۇلازىمىتى كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جيەنئەن مۇنداق بىلدۈردى: كېسىم خەلقئارا سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، خەلقئارا تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، خەلقئارا قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رول ئوينىماقتا. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، پائال تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا كېسىم مۇنبىرى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ قوش ئايلىنىشىغا قاتنىشىشىنى، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پائال قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ.

تاجىكىستان ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھەيدەروف ئەلىشېر، شىئەن قاتناش داشۆسىنىڭ قازاقىستان تەۋەلىكىدىكى پىروفېسسورى ئۇشۇروۋا سوفىيا، پاكىستان خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ۋە سودا ئىشلىرى كېسىم مەركىزىنىڭ رەئىسى لانا ساجاد، ئۆزبېكىستان تاشكەنت خەلقئارا كېسىم مەركىزىنىڭ مۇدىرى دىئاننا بېزاكوۋا، قىرغىزىستان سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى رەئىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى ئاۋازبېك كېرىمبايېف، لائوس دۆلەتلىك سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋاكالەت ئورنىنىڭ ئىجرائىيە ۋەكىلى فېي سۈي، موڭغۇلىيە خەلقئارا كېسىم مەركىزىنىڭ رەئىسى ئېنخېزىگېر سۇخباتىر، ئافغانىستان سودا ئىشلىرى تالاش - تارتىشلىرىنى مۇرەسسە قىلىش مەركىزىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تاۋاكال كۇرام ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا كېسىم مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ سودا - مەبلەغ سېلىش تالاش - تارتىشلىرىنى ھەل قىلىش، رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىغا يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، سودا ۋە سېلىنما كۈنسېرى ئاشتى. شىنجاڭدا خەلقئارا كېسىم ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى قۇرۇپ، سودا ماجىرالىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق، سودا ئىشلىرى ماجىرالىرىنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇرەسسە مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى سىجىل كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد - سودا كېسىم كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 4 - ھەق تەلەپ سوت كوللېگىيەسى ۋە خەلقئارا سودا ئىشلىرى سوتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى ۋە جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى خەلقئارا چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارا ئەدلىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بازىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن ۋېيجۈن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە جەمئىيەتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە پاكىستان، موڭغۇلىيە، ئافغانىستان، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.