چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇرپان-قاراماي-بورتالا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى

日期:2023年11月01日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى «تۇرپان-قاراماي-بورتالا» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى رەسمىي ئاچتى. ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە كۈنلىرى بىر نۆۋەت ئۇچىدۇ.

تۇرپان-قاراماي-بورتالا

نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى EU2847/8

ARJ21-700 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ

بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان

سائەت 11:15تە تۇرپاندىن ئۇچۇپ، سائەت 12:25تە قارامايغا يېتىپ بارىدۇ

سائەت 13:05تە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 14:05تە بورتالاغا يېتىپ بارىدۇ

قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان

سائەت 14:45تە بورتالادىن ئۇچۇپ، سائەت 15:45تە قارامايغا يېتىپ بارىدۇ

سائەت 16:25تە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 17:35تە تۇرپانغا يېتىپ بارىدۇ

يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىش ئالدىدا، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسى ئېتىبار باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى يولغا قويدى، قاراماي-تۇرپان 148 يۈەندىن، قاراماي-بورتالا 118 يۈەندىن، قاراماي-موڭغۇلكۈرە 118 يۈەندىن باشلىنىدۇ (يۇقىرىقى باھالار بىردەك باج ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

«تۇرپان-قاراماي-بورتالا» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ «موڭغۇلكۈرە-قاراماي» بېرىپ-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن كېيىن ئاچقان يەنە بىر يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بولۇپ، يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى چېڭدۇ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى زىچلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلارنىڭ ئەمەلىي سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى