باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

日期:2023年10月24日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون يول قاتناش بىخەتەرلىكى مەخسۇس سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون يول قاتناش بىخەتەرلىكى مەخسۇس سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 3 ـ، 5 ـ، 6 ـ، 7 ـ، 8 ـ، 9 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يول قاتناش بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە ـ ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھادىسىنى قايتا ئېنىقلاش، تەھلىل قىلىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى توغرا تېپىپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور يول قاتناش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يول قاتنىشى ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. «ئادەم»نى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى، مىنىبۇس شوپۇرلىرىغا بولغان مەركەزلىك تەربىيەلەش ۋە ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرى ۋە ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى يىغىش ـ تارقىتىش ئورۇنلىرىنى چارلاش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. «ئاپتوموبىل»نى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى _ خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى _ يۈك ئاپتوموبىلى _ بولكىۋاي» ۋە يېزىلاردىكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت، ساياھەت ھۆددە ئاپتوموبىلى، شەخسىي ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ئۆزگەرتىلگەن ئاپتوموبىللارنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارىنىڭ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «يول»نى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يولدىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتوموبىل ئېقىمى كۆپ بولغان نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىگە «مەجبۇرىي ئايرىش» مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، ئادەم ئېقىمى زىچ يول ئېغىزلىرىغا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، يول قاتنىشىنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. «كارخانا»نى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يول تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ۋە تۈزىتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىراك قىلىنغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋېلىش، چۇۋۇشنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە تۈزەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.