ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 5000 قېتىمدىن ئاشتى

日期:2023年10月24日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئالاتاۋ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 5015 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.63 ئاشقان، توشۇلغان مالنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 5 مىليون توننىدىن ئاشقان.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش باشلانغان 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك سودا يولى ۋە يېڭىچە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى ئاممىۋى مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ئالاتاۋ پورتى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربكە قاتنايدىغان مۇھىم پورتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2011 ـ يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بۇ يەردىن چېگرادىن چىققاندىن بۇيان، قاتناش مىقدارىدا 12 يىل يىلدىن ـ يىلغا ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى كۈنسېرى كۆپىيىپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆستى.

ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئالاتاۋ پورتى تۆمۈريول تىرانسپورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، ئاپتوموبىل پارچە زاپچاسلىرى، ھەممىباب ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 162.5 ھەسسە، %17.4، %18.2 ئاشقان؛ ئىمپورت يېمەكلىك، ئوغۇت، كان مەھسۇلاتلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9، %78.5، %15.9 ئاشقان. سانلىق مەلۇماتلار يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىشتە بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. 10 يىلدىن بۇيان، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە بولغان ئېكسپورت كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزبېكىستان قۇرۇق ئۈزۈمى، ئىتالىيە قەھۋەسى، بېلگىيە شاكىلاتى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكلەر بارغانسېرى كۆپلەپ جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى.

«كارخانىمىزنىڭ قۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولدى، دەسلەپتە ۋاكالەتلىك قىلىدىغان مال بىر خىللا ئىدى، ھازىر تۈرلەر بارغانسېرى موللاشتى» دېدى شىنجاڭ ئالاتاۋ جيېئەن ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ دىرېكتورى ۋاڭ ۋېي.

بۈگۈنكى كۈندە، ئالاتاۋ پورتىدا جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى مەخسۇس كۆزنىكى تەسىس قىلىنىپ، يېشىل يول ئېچىلدى. ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى ۋاڭ چۈەن مۇنداق بىلدۈردى: تاموژنىمىز جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى سىجىل ئاددىيلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرىدىغان كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلەپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل مەخسۇس پويىزى، سوغۇق زەنجىرسىمان يېمەكلىك مەخسۇس پويىزى، شىنجاڭ يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس پويىزىنى «سىرتقا چىقىرىش»نى قوللاپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈردى.