ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق، تېخىمۇ قولايلىق قىلىش

日期:2023年10月24日
来源:天山网
【字体:

− 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى يادرولۇق رايونغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى (1)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تور بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش داۋامىدا تېخىمۇ زور رول ئويناپ، تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ئىستېرېئولۇق قاتناش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تورىنى تېخىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، بېرىش ـ كېلىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ، قۇرۇقلۇق يولىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ يېتەرلىك تولۇقلايدۇ.

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش

«<بىر بەلباغ، بىر يول> ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تور بەرپا قىلىش جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەڭ يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر گاۋ جىنياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىپ، پورت تىرانسپورتىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشىغا ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىدۇ.

10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى. گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ۋەكىللىكىدىكى زور تۈرلەر شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، شىنجاڭدا تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن زور تۈرلەر ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلىماقتا.

− شىنجاڭنىڭ جەنۇب، شىمال، ئوتتۇرا ئۈچ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول لىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىندى، جۇڭغار ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ۋە تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 ـ دەرىجىلىك) يول پۈتتى، 3 ـ قۇملۇق تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان 2 ـ چوڭ يول G7 بېيجىڭ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان 3 ـ چوڭ يول G0612 شىنىڭ ـ خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بۆلىكى پۈتۈنلەي تۇتاشتۇرۇلدى؛ چېگرا بويى تاشيول قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، جۇڭگو ـ پاكىستان تاشيولىنىڭ شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. ئۈزلۈكسىز زىچلىشىۋاتقان تاشيول تورى ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تورنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردى.

− تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى 9092.1 كىلومېتىرغا كۆپەيدى، يول تورى قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قوش ئايلانما لىنىيەسى پۈتتى، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئۈچ چوڭ يول شەكىللەندى، ئالاتاۋ، قورغاس تۆمۈريول پورتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى غەربىي يولىنىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. تۆمۈريول سىجىل كۆپەيتىپ قۇرۇلۇپ، مۇلازىمەت تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تورنىڭ ئاساسىي تىرانسپورت كۈچى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

− ئايرودۇرۇم سانى 25كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە نۆۋەتتە ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە ـ ئاپتونوم رايون بولۇپ قالدى ھەم 19 دۆلەتتىكى 23 شەھەر بىلەن بولغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. خەلق ئاۋىياتسىيەسى تېخىمۇ تېز تۇتاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كەڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كىشىلەر ئالاقىسى، مال توشۇش تېخىمۇ قولايلاشتى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان تور بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتتى.

جياڭجۈنمياۋ ـ نوم تۆمۈريولى 2 ـ لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە 2 ـ لىنىيەنى كۆپەيتىپ قۇرۇش، گولمۇد ـ كورلا تۆمۈر يولىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى، لوپنۇر ـ چاقىلىق تۆمۈر يولى قاتارلىق تۈرلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى؛

G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى ـ لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، دۆلەت يولى 218 ـ لىنىيەسىنىڭ نارات ـ بالغۇنتاي تاشيولى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇش قەدىمى تېزلىتىلدى، S319 لىنىيەسىدىكى بۇرچىن ـ جېمىنەي پورتى قاتارلىق خەلقئارا تىرانسپورت يوللىرى، G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە ـ ئونسۇ قاتارلىق لىنىيە بويىدىكى يوللار تېز ئالغا سىلجىتىلدى، G3033 كۈيتۈن (مايتاغ) ـ كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلماقتا؛

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ 1 ـ قارارلىق تۈرىدە ئىش باشلاندى، گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى تۈرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى؛

...

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان قۇرۇلما ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ ھەم ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى قولايلىق بېرىش ـ كېلىشنى ھەم دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى مۇھىم قاتناش ئۇل كۈچى بىلەن تەمىنلىدى.

«ھاۋا يىپەك يولى»دىكى بېرىش ـ كېلىشنى تېخىمۇ قولايلىق قىلىش

3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، CZ5053 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۈرۈمچىدىن ئۆزبېكىستاننىڭ 2 ـ چوڭ شەھىرى سەمەرقەندكە قاراپ ئۇچتى، بۇ، ئۈرۈمچىدىن سەمەرقەندكە تۇنجى قېتىم قەرەللىك بىۋاسىتە ئۇچۇش، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىن سەمەرقەندكە تۇنجى قېتىم قەرەللىك بىۋاسىتە ئۇچۇش ھېسابلىنىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن بۇيان، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئىچكى ـ تاشقى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇپ، كىشىلەر ئارىسىدىكى بېرىش ـ كېلىش، ئالاقىنى قولايلاشتۇرۇپ، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە يولۇچى، يۈك تىرانسپورت لىنىيەسىدىن 309نى ئېچىپ، «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، يولۇچى تىرانسپورتى بىلەن يۈك تىرانسپورتىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى تېز شەكىللەندۈردى.

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ زىچلىشىشى يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىغا ئاساس سالدى.

8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، گىرۇزىيەدىن كەلتۈرۈلگەن قىزىل چاي ۋە يېشىل چاي نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدا چېگرادىن كىردى، بۇ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە پورتىدىن تۇنجى قېتىم چاي ئىمپورت قىلىش ھېسابلىنىدۇ؛ 9 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، پاكىستاندا ئىشلەنگەن بىر تۈركۈم قارىغاي ئۇرۇقى نۆۋەتچى ئايروپىلان ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە توشۇپ كېلىندى، بۇ، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتىدىن يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم قارىغاي ئۇرۇقى ئىمپورت قىلىش ھېسابلىنىدۇ؛ بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 7 ـ ئايغىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق قاتنىغان خەلقئارا يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانى 1232 ئايروپىلان قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %128.6 ئاشتى، چېگرادىن كىرگەن ـ چىققان يولۇچى 137 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 14.4 ھەسسە ئاشتى... شىنجاڭ ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارا يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە، «يىپەك يولى دېڭىز تىرانسپورتى» پورت سودىسى، ئاۋىياتسىيە سودىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى، ھاۋا يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى پۇرسەت ئالدىدا، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئايرودۇرۇم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كۆپەيتىپ، يېڭى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، يەرشارىۋى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«شىنجاڭدىكى ئاساسلىق بازا ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى جۇڭگونىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى پائال ئىزچىللاشتۇرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.» جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دىڭ ئەننىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرى بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان رېمونت قىلىش مەركىزى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېچىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«قۇرۇقلۇق يىپەك يولى»نىڭ تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش

ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت سۈرئىتىنىڭ تېز بولۇشى يېڭى بازار ئېچىش، بېرىش ـ كېلىشنىڭ قولايلىقلىقىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، لېكىن ئۆز خۇسۇسىيىتىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن توشۇش مىقدارى زور بولمايدۇ، تۆمۈريول، تاشيول تىرانسپورتى بۇ كەمتۈكلۈكنى ئىنتايىن ياخشى تولۇقلىدى.

ھازىر، قورغاس تاشيول پورتىنى «ئالدىراش»تىن ئىبارەت بىر سۆز بىلەنلا تەسۋىرلىگىلى بولىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلگەن تاۋار ئاپتوموبىلنىڭ سانى «شىددەتلىك» ئاشتى، 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە قورغاس تاشيول پورتىدىن ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 60 مىڭ 200گە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %115.9 ئاشتى.

قورغاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىل بويى ئېچىۋېتىلىدىغان 1 ـ دەرىجىلىك 17 قۇرۇقلۇق پورتى شىنجاڭنىڭ «ئېلىپ كېلىش» «سىرتقا توشۇش» ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى ھاسىل قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تۇتاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى بولۇپ قالدى.

شىنجاڭ خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىش، كېيىنكى قەدەمدە تەكشۈرۈش، ئالدىن كېلىشىپ ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق نەق مەيدان قانۇن ئىجراسىدا ئالدىنقى باسقۇچ ۋە كېيىنكى باسقۇچ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، توشۇش، تەكشۈرۈش ۋاقتىنى بىر ـ ئىككى مىنۇتقا قىسقارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا يول يۈك تىرانسپورتىدا پىرىتسېپ ئالماشتۇرۇپ توشۇش تىرانسپورتى، يۈك ساندۇقى تىرانسپورتى قاتارلىق ئىلغار تىرانسپورت ئەندىزىسىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تاشقى ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي لۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تاموژنا، چېگرا تەكشۈرۈش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، پورتلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى؛ ئالاتاۋ ۋە قورغاس ۋوگزالىدا تۆمۈريول پورتىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، تۈگۈننىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى بېكەتتە توختىتىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەكشۈرۈش ۋاقتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قىسقارتتى.

3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە «تۆمۈريول، تاشيول بىۋاسىتە تىرانسپورتىنى تىرەك قىلغان ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەشيا ئوبوروتى يېڭى يولىنى بەرپا قىلىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، تۆمۈريولنىڭ تىرانسپورت كۈچى زور، تەننەرخى تۆۋەن بولۇش ۋە تاشيولنىڭ ھەرىكەتچان، جانلىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرىدۇ ھەم ئۆزئارا تولۇقلاشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى. شىنجاڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان كۆپلىگەن خەلقئارا تۆمۈريول تۈرىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىقات خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ قۇرۇقلۇق پورتلىرىغا 2 ـ دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى تاشيولنى تۇتاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، تىرانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىنى ئاساسىي ئوق قىلغان يوللارنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.