شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى

日期:2023年10月24日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي، جوۋ نەيشياڭ، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جوۋ نەيشياڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشمەكتە.□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىدىن 22 ـ كۈنىگىچە، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جوۋ نەيشياڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، 9 ـ قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇش، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئورتاق پىلانلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شەندۇڭ ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم قىلىپ ـ يۆلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئۇزاقتىن بۇيان، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭ ئىككى جايدىكى خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشى كۆپەيدى، ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئاساسى ياخشى بولدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئىككى جاي ئوخشاشلا مۇھىم بۇرچ ـ ۋەزىپىنى زىممىگە ئالغان، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىغا يۈزلەنمەكتە. ئىككى تەرەپنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلەر، ئۇل ئەسلىھەلەر، ئاساسىي قاتلام بازىلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاجىز ھالقىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلاش ۋە تەرەققىياتتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كەسىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئېنېرگىيە، رايون ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىشىنى قوللاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. قول تۇتۇشۇپ ئوچۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىنى پائال ئېچىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ بېرىش ـ كېلىشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۆپ قاتلاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سىجىل ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

جوۋ نەيشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەندۇڭغا تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم سۇپا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە كادىرلار، ئاممىغا يېقىندىن تايىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى، كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويدى، بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىشلارنى قىلدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز چوقۇم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى سىياسىي، ئىستراتېگىيە، پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتىن تولۇق تونۇپ، مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، شەندۇڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرىمىز. شەندۇڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتماقتا، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يېشىل كەسىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ۋىلايەتلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى «شۇلې» زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تۈر قۇرۇلۇشى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ بىڭتۇەن 12 ـ شىدا شەندۇڭ گاۋسۇ گۇرۇھى شىنجاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى كەسىپلەر باغچىسى، تۇدۇڭخابا دېھقانچىلىق مەيدانى تۇڭخې شىڭفۇچېڭ مەھەللىسى پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى سودىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

شەندۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن سۇڭ جۈنجى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، ليۇ جيەنمىڭ، لى شۈ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.