شىنجاڭنىڭ 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مو، 100 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناق بىرلىك ھوسۇلىدا بىردەك پۈتۈن مەملىكەت رېكورتى يارىتىلدى

日期:2023年10月18日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، لى شاۋكۇن كوللېكتىپىنىڭ شىنجاڭ خىزمەت پونكىتى جۇڭنۇڭ گوجى (شىنجاڭ) پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە قۇرۇلدى. يىغىندا چۆچەك شەھىرىدىكى 100 مىڭ مو يەردىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن كۆممىقوناقنىڭ دېنىنى ماشىنىدا بىۋاسىتە يىغىۋېلىش بويىچە ھوسۇلنى ئۆلچەشتە ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇل 1117.4 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 100 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىدا يېڭى رېكورت يارىتىلغانلىقى توغرىسىدا خۇش خەۋەر تارقالدى. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مو ھەم 100 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناق بىرلىك ھوسۇلىدا بىردەك پۈتۈن مەملىكەت رېكورتى يېڭىلاندى.

يېقىندا، دۆلەت كۆممىقوناق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى كۆممىقوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىنغان ئېتىزلاردا ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىدى. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش بازىرىدىكى 760 مو يەردىكى كۆممىقوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى 100 مو يادرولۇق رايوننىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 1545.94 كىلوگىرام بولغان؛ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نەسىللىك قوي فېرمىسىدىكى 1439 مو يەردىكى كۆممىقوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 1427.66 كىلوگىرام بولغان؛ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوغۇنچى يېزىسىدىكى 11 مىڭ 260 مو يەردىكى كۆممىقوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە ھوسۇلى 1300.67 كىلوگىرام بولغان. شىنجاڭنىڭ 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مو يەردىكى كۆممىقوناق بىرلىك ھوسۇلىدا بىردەك پۈتۈن مەملىكەت رېكورتى يېڭىلانغان.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى كۆممىقوناق بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى شاۋكۇن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ كۆممىقوناقتا پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنى ئۇدا يېڭىلىشى، جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىمۇ يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاساسلىقى تېرىش زىچلىقىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى، تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ھەم تېخىمۇ دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنىڭ كېڭەيتىپ قوللىنىلغانلىقىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى».

نۆۋەتتە يولغا قويۇلغان كۆممىقوناقنى زىچ تېرىپ دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىنى لى شاۋكۇن كوللېكتىپى 20 نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ توپلىغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا كۆممىقوناق تېرىش زىچلىقىنى ئاشۇرۇشنى ھوسۇلنى ئاشۇرۇشنىڭ يادروسى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش، دەل جايىدا تىزگىنلەش، بىرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كۆپنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈجۈپىلەپ تېرىش، تېمىتىپ سۇغىرىپ مايسىنى رەتلەش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، كۆممىقوناق تېرىش زىچلىقى ۋە بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان. 2004 ـ يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ گۇچۇڭدا تەتقىق قىلىپ ئېچىپ قوللىنىلغاندىن بۇيان، بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ تېرىلغان كۆممىقوناق ئۇدا يەتتە قېتىم مەملىكەت بويىچە كۆممىقوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى يېڭىلىدى.

لى شاۋكۇن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا كۆممىقوناقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئېتىزىنىڭ تېرىلىش زىچلىقى ھەر مو يەرگە ئوتتۇرىچە 7000 تۈپتىن 8000 تۈپكىچە بولۇپ، تېرىش زىچلىقى مەملىكەت بويىچە ئەڭ يۇقىرى. ئادەتتىكى كۆممىقوناقنىڭ تېرىلىش زىچلىقى ھەر مو يەرگە ئوتتۇرىچە 4000 تۈپتىن 5000 تۈپكىچە بولىدۇ. شىنجاڭ كۆممىقوناقنىڭ تېرىلىش زىچلىقىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، زىچلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش ۋە دەل جايىدا تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشتا.

10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، لى شاۋكۇن كوللېكتىپى جۇڭنۇڭ گوجى (شىنجاڭ) پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت پونكىتى قۇرۇپ، جۇڭنۇڭ گوجى (شىنجاڭ) پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەلگۈسىدە كۆممىقوناق تېرىش تېخنىكىسىنى تورلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۆرگىلى بولىدىغان قىلىش، مەشغۇلاتنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«رەقەملەشتۈرۈپ كۈچ قوشۇش ئارقىلىق، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، تۈجۈپىلىك قىلىپ، بۇ ئارقىلىق كۆلەملەشتۈرۈپ كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى نەپكە ئېرىشتۈرىمىز» دېدى لى شاۋكۇن.