«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمىز

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

​− ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر 

لى شۈەننى زىيارەت

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى، شۇنداقلا شىنجاڭنى مىسلىسىز تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قانداق قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «يول ئىقتىسادى»نىڭ «پورت ئىقتىسادى» «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تەرەققىي قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلەتتى؟ شىنجاڭ قانداق قىلىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى؟ 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

«پورت − شىنجاڭ تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى.» لى شۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پورت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پورتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پورتنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى. پورتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پورتنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ئەلالاشتۇرۇپ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پورت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تەتقىق قىلىپ، ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش ۋە «ئاقىل پورت» قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، پورتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكىسپورت ئومۇمى قىممىتى 219 مىليارد 190 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.2 ئاشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە پورتلاردا 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئىمپورت - ئىكسپورت مال تىرانسپورت مىقدارى 48 مىليون 752 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى. چېگرا سودىسى ئېكسپورتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.5 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە چېگرا سودىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %55.6كە يەتتى.

لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: پورت، چېگرا سودىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكنى تېز يېتىلدۈردى.

شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان تۆت ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىغا تايىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى رەقەملىك نۆۋەتچى پويىز، يۈك تىرانسپورتى ھۆددە ئايروپىلانى، جۇڭگو - ياۋروپا يۈك ئاپتوموبىلى قاتنىشى قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەر بىلەن گىرەلىشىشكە ئىلھاملاندۇردى. شىنجاڭ يەنە چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودىسى، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى، نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم ئىمپورت - ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش بازىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى جەلپ قىلىپ توپلاپ، پورت شەھەرلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىجىل ھاياتىي كۈچ قوشتى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن ئالتىسى، چېگرا (ھالقىغان) ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونىدىن بەشى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن تۆتى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىن تۆتى، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى سىناق نۇقتىسىدىن ئىككىسى، نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورت كەسپى رايونىدىن ئىككىسى بار، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم ھەمكارلىق سۇپىسىنىڭ خەلقئارادىكى تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى سىجىل ئېشىپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش يېڭى ئەندىزىسى تېز شەكىللەنمەكتە.

لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ تۈرلۈك ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ توپلىنىپ يۇغۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى ھەمتۈرتكە قىلىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى گىرەلەشتۈرۈپ، «يول ئىقتىسادى»نىڭ «پورت ئىقتىسادى» «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرمەكتە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىلىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

سودا ئالاقىسى قىلىدىغان دۆلەتلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 - يىلى، جۇڭگو شىنجاڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى 179 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 206 مىليارد 680 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.7 ئاشقان.

خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. جۇڭگو شىنجاڭ ئەتراپتىكى دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن يەرلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن يەتتىنى ئورناتتى. بۇ يىل جۇڭگو شىنجاڭ − پاكىستان قوشنا رايون ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق خىزمىتى گۇرۇپپىسىنىڭ 2 - قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى، يەنە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تاجىكىستان، قىرغىزىستان بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق خىزمىتى گۇرۇپپىسى (شۆبە كومىتېتى) يىغىنىنى ئارقا - ئارقىدىن ئاچىدۇ. ئۆزبېكىستان، موڭغۇلىيە بىلەن ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، تايلاند، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئالتە مەيدان ئىقتىساد - سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارغا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.

«بارغانسېرى كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ <سىرتقا چىقىشى> بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىمۇ تەدرىجىي ئاشتى.» لى شۈەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 460 مىليون دوللار بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %142.4 ئاشتى.

لى شۈەن مۇنداق دېدى: دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تاشقى سودىنى مۇقىم قىلىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئەۋزەللىك شەكىللەندۈرۈپ، سۇپا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى يوشۇرۇن كۈچ قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد - سودا رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سودا كۈچىنى قوشىمىز.