ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا سودىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى «يول ئاچقۇچىلار»دىن بولۇش

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

− «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى 10 يىلدا يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر (3)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي

ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئاساسىي ئوق قىلغان سودىنى راۋانلاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم مەزمۇن، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ساھە.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلىنىپ، سودىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتى ياراتتى. ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىي بەلبېغىغا جايلاشقان شىنجاڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال كىرگۈزۈپ، بۇ پۇرسەت يولى، تەرەققىيات يولىدا ئاجايىپ ئىزلارنى قالدۇردى.

كۆلەم سىجىل كېڭەيدى

سودىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈلدى

10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ مېۋە - چېۋە، كۆكتات ۋە كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار قاتارلىق تاۋارلىرى قورغاس پورتىدىن يولغا چىقىرىلىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلدى.

«چەت ئەللىك خېرىدارلارنىڭ جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياجى بۇ يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئىككى ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ تەخمىنەن %60 ئىمپورت كۆكتاتلىرى جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن.

قورغاس جىنيى شىركىتىنىڭ تېز تەرەققىياتى شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. قورغاسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەرقايسى پورتلار خۇددى شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن چېگرا لىنىيەسىگە نەقىشلەنگەن مەرۋايىتلاردەك نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلىپ، «ئېلىپ كېلىش» «سىرتقا توشۇش» ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنى ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش، چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش گۈزەل مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ۋە سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىچكى قۇرۇقلۇق مەركىزى بولۇشتىن «ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى» بولۇشقا قاراپ ماڭدى.

بىر گۇرۇپپا سانغا شىنجاڭنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مەزمۇت قەدىمى نەقىش قىلىپ ئويۇلدى. تاموژنىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2013 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 170 مىليارد 810 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 246 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %4.2 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئاپتونوم رايون بويىچە 219 مىليارد 190 مىليون يۈەن تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى يارىتىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا تۇرغان. ئاپتونوم رايون بويىچە پورتلارنىڭ 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت مال تىرانسپورت مىقدارى 48 مىليون 752 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشقان.

9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، جۇڭگو تاۋارلىرى ئۆزبېكىستان مەملىكەت سىرتى ئامبىرىدىكى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە، جۇڭگونىڭ 100 خىلدىن ئارتۇق ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتى رەتلىك تىزىلغانىدى. «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا چىقىرىلدى.» شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا ماددىي ئەشيا سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ خۇڭپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەملىكەت سىرتى ئامبارلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەشيا ئوبوروتى ۋاقتى قىسقاردى، خېرىدارلارنىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ ياخشى بولدى.

2013 - يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەڭ دائىرىدە تونۇلدى. جاڭ خۇڭپىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا چېگرا ھالقىغان كۆپ مىقدارلىق تاۋار سودا سۇپىسى قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئىناۋەت، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان راسچوت، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يەر شارى بويىچە كۆپ مىقدارلىق خام ئەشيا تاۋارلىرى نەق مېلىدا چېگرا ھالقىپ دەرھال سودىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

پورت، چېگرا سودىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭ يەنە كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تاشقى سودىنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يېتىلدۈردى. ھازىر، شىنجاڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى، نىمكەش ئاپتوموبىل ئېكسپورتى، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈردى. ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىغا ماس كېلىدىغان تاشقى سودا تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى

سودا ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى

تۆت يىل ئىلگىرىلا، ئىلى شىڭخې سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى دىياۋ جېڭلىن ئۆزبېكىستان ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانىدى.

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىنىڭ «سىرتقا چىقىرىلىش» قەدىمىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، دىياۋ جېڭلىن جۇڭگونىڭ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنىڭ تەدرىجىي ئالىي دەرىجىلىكلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش ئىزىغا گۇۋاھ بولدى.

ھازىر، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان سودا كۆلىمى مۇقىم ئاشتى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى، ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، توقۇلما بۇيۇملار، ئېلېكتىرونلۇق دېتال قاتارلىقلارنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى بازار رىقابەت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

«كەسىپ ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئېففېكتى گەۋدىلەندى». ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۈەن مۇنداق دېدى: سودىنى راۋانلاشتۇرۇش يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا سودىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشى ۋە گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 51 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.5 ئېشىپ، تۇنجى قېتىم 50 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى، ئېشىش نىسبىتى شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە بىردەك 1 - ئورۇندا تۇردى.

تاۋار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار ۋە ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئەڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلار بولۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەنىڭ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %48.6، %23، 50.2 ھەسسە ئاشتى، مېتال قېزىلمىسى ھەم رۇدا ئىمپورتى بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق سەۋىيەدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى.

«ئىمپورت - ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ ئېشىشى جۇڭگو قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان كەسىپ ئەۋزەللىكى جەھەتتىكى ئۆزئارا تولۇقلىشى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.» دېدى قەشقەر تاموژنىسى ئۇنىۋېرسال كەسىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ شىپىڭ.

ھازىر، شىنجاڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى چۆرىدەپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى»نى تۇتۇش ئارقىلىق، سودا كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن، تاۋار قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشقان، سودا شەكلى كۆپ مەنبەلەشكەن، تور ۋە تور سىرتى يۇغۇرما تەرەققىي قىلغان تاشقى سودا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ياراتماقتا.

لى شۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا پائال كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كارخانىلارنىڭ يەرشارىۋى كەسىپ ئىش تەقسىماتى ۋە ھەمكارلىقىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، ئىچكى - تاشقى كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەقىل تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، بىخەتەر، ئىشەنچلىك، رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يول ئىقتىسادىنىڭ پورت ئىقتىسادى، كەسىپ ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

ھەمكارلىق مىخانىزمى بېيىدى

سودا ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى

يېقىندا، چۆچەك شەھىرى يۇڭلى سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر تۈركۈم جاڭجوۋ مىيوۋسى باقتۇ پورتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىلىپ، يەتتە كۈندە رۇسىيەنىڭ موسكۋا، سانتپېتىربۇرگتىكى تاللا بازارلارغا يەتكۈزۈلدى.

بۇ شىركەتنىڭ كەسىپ دىرېكتورى ليۇ جۈنيى مۇنداق دېدى: باقتۇ پورتىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلغان تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى»نىڭ تۈرتكىسىدە، ماللارنىڭ كۆپىنچىسىنى «كەلگەن ھامان يولغا سالالايدىغان بولدۇق».

2013 - يىلى 12 - ئايدا رەسمىي تەستىقلىنىپ ئېچىلغان باقتۇ پورتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتىكى تۇنجى «يېشىل يول». «بارغانسېرى قىسقىراۋاتقان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى تاشقى سودا كارخانىلىرىنى خەلقئارا بازاردا پۇرسەتكە ئېرىشتۈردى» دېدى تارباغاتاي تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شياۋ شىننەن تونۇشتۇرۇپ.

سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جۇڭگو شىنجاڭ كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا مېخانىزمى سۇپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىر قاتار ئۈنۈملۈك يېڭى چارە، يېڭى مېخانىزملار ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، سودىنىڭ راۋانلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

«سودىنى راۋانلاشتۇرۇش دېگىنىمىز، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش توسۇقىنى زور دەرىجىدە تۈگىتىپ، ھەمكارلىق <تورتى>نى بىرلىكتە چوڭ ياساش، ياخشى ياساش دېگەنلىكتۇر.» دەپ بىلدۈردى لى شۈەن.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر بىرقاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سودا تارماقلىرى ھەرقايسى جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ماسلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، تاشقى سودىدا ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، سىرتقا قارىتىلغان چوڭ يولنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان كۆپ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2022 - يىلى شىنجاڭ پۈتۈن يەرشارىدىكى 179 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى 206 مىليارد 680 مىليون يۈەن بولۇپ، %53.7 ئاشقان.

ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى ئىختىيار نىيازمۇرادوف مۇنداق قارىدى: جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك دەرۋازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت «ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىق»نىڭ ئەڭ ياخشى بىرىكىش قىسمى، تەبىئىي ئۇلىنىش نۇقتىسى بولۇپ، يەرشارىۋى بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنى جەلپ قىلىپ توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە ئىگە.

لى شۈەن مۇنداق بىلدۈرى: ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى يەرلىكنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، قوشنا رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. كارخانىلارنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى بازارلارنى يەنىمۇ ئېچىپ، مەملىكەت سىرتىدا مەبلەغ سېلىشنى كۆپ مەنبەلىك قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشكە يېتەكلەيدۇ.

10 يىلدا، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭ سىزما»دىن تۈجۈپىلەپ سىزىلغان «نەپىس سىزما»غا ئايلاندى. شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ھاياتىي كۈچكە تولدى، ئوچۇق تەرەققىيات مەنزىرىسى ياخشى مەزگىلنى كۈتۈۋالدى.