​«5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى» ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تاماملاش كېرەك

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئىستاتىستىكا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

​«5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى» ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تاماملاش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىستاتىستىكا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات، بولۇپمۇ 5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالى تەھلىل قىلىندى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستاتىستىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، ئىلمىي ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، خەلق ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى» ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەدە تاماملاپ، ئىستاتىستىكىنىڭ تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، تەدبىر بەلگىلەشكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى»نى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. «سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنىڭ جان تومۇرىنى چىڭ ساقلاش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قانۇن - نىزاملارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستاتىستىكا قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئىستاتىستىكا قىلىش، بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قاتتىق، ئەمەلىي، چوڭقۇر، ئىنچىكە بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىللىشى كۈچلۈك، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ماسلىشىشى راۋان، ھەمتۈرتكە بولۇشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىستاتىستىكا تارماقلىرى ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەسلىھەتچى ۋە ياردەمچى بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ ئىستاتىستىكا مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قارىتا پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ھۆكۈم قىلىش، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ھۆكۈم قىلىش، مەخسۇس تۈر بويىچە ھۆكۈم قىلىش قاتارلىقلارنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايونلارنى توغرا يۆنىلىشتە سېلىشتۇرۇش، تارىخنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى، ئاساسى ۋە ئەۋزەللىكىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىستاتىستىكا بويىچە نوپۇزلۇق سادانى كېڭەيتىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا ساختىپەزلىك قىلىشنى قاتتىق تۈزەپ، ئىستاتىستىكا بويىچە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا سۆزلەش، سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا تەدبىر بەلگىلەش، سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ھەرتەرەپلىمە ئىستاتىستىكىسى بىلەن تارماقلار ئىستاتىستىكىسىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارماقلار ئارىسىدىكى ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستاتىستىكا قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، كەسىپكە پىشقان ئىستاتىستىكا قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.