​ئېنېرگىيە بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپ توپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي قومۇل شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 13 - شى شىنشىڭ شەھىرىدە ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئېنېرگىيە بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپ توپىنى پائال يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قومۇل شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ما شىڭرۇي ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كاربون پەن - تېخنىكىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتىدە كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى يىغىپ پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەش تېخنىكىسى (CCUS) تۈرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ پولات نىياز فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە قومۇل شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

قومۇل كۆمۈر بايلىقى مول توپلانغان رايون ۋە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى مۇھىم تۈگۈن. ما شىڭرۇي دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل بوغاز 2 - كېنىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈشتە بولدى، باركۆل سەنتاڭخۇ كان رايونى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سىرتقا توشۇش، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قومۇل چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قۇرۇلۇشى نىشانىنى كۆزلەپ، زامانىۋىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان كۆمۈر كان قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، تېخنىكا - جابدۇق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ما شىڭرۇي قومۇل - جېڭجوۋ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تىيانشان ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى تىرەك ئېلېكتىر مەنبەسى تۈرى بولغان خۇايۈەن ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش»نىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئايلىنىش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ۋە شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تىرانسپورت ئىقتىدارى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر تەمىنلىنىشىگە پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي قومۇل زامانىۋى ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش ۋە ئالاقىدار كارخانىنىڭ تۈر توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونى شىنجاڭ خۇينېڭ كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى دەرىجىلىك، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنچىكىلەشكەن تەرەققىيات، ئىلمىيلەشكەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

قومۇل چىڭديەن كىرېمنىي كەسپى چەكلىك شىركىتى ۋە خۇاتەي يېڭى ماتېرىيال شىركىتىدە، ما شىڭرۇي يىلىغا 60GW يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تارتىش تاياقچىسى يالپاقلاش تۈرى ۋە تىتاننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە قوللىنىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ زەنجىر شەكىللەندۈرۈپ توپقا ئايلىنىش، توپلاشتۇرۇپ كۆلەم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە قومۇل يەنشىن مىسچىلىق چەكلىك شىركىتىىدە قېزىش، تاللاش، پىششىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەۋزەل مېتال بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى سەنتاڭخۇ نېفىت ئېلىش باشقۇرۇش رايونى، ئاراتۆرۈك ناھىيەسى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كاربون پەن - تېخنىكا شىركىتىنىڭ كاربون (IV) ئوكسىدىنى يىغىپ پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش تېخنىكىسى (CCUS) تۈرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاربون (IV) ئوكسىدىنى چوڭقۇر قاتلاملىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، چوڭ ئايلىنىشلىق ئىشلىتىش تېخنىكىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. كۆمۈردىن توك چىقىرىش كاربون قويۇپ بېرىشتىكى ئاساسلىق مەنبەلەرنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ بۇ تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇقى ۋە ئىستىقبالى بار، ئىشلىتىش ئورنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىش كېرەك.

ما شىڭرۇي بىڭتۇەن 13 - شى شىنشىڭ شەھىرىگە كېلىپ، شى - شەھەرنىڭ مۇھىم كەسىپ تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە شەنشى كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، شىنجاڭ دائەن ئېنېرگىيە شىركىتىگە بېرىپ، پولات - كوكس بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ زەنجىرىگە يانداش كوكسلاشتۇرۇش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى - شەھەرنىڭ سانائەت ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي يەنە ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ نىرىنكىر جيەنجياپو قەبرىستانلىقى خارابىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەدىكى كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېخىمۇ كۆپ تارىخىي مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تۈرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ئەسلىھە شارائىتى ۋە سۈپەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قومۇلنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش، يەر ئاستى سۈيىنى تۈزەشكە ئالاقىدار تۈرلەر توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، رايون خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، كۆمۈر قاتارلىق ئەۋزەل ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، تەمىنلەشنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەريانىدىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ، كۆمۈرنى ئاساس، يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش، قېزىلما بايلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەردە زەنجىر شەكىللەندۈرۈشكە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىق كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، كارخانىلارنى زورايتىش، كۈچەيتىش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، كەسىپ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، ئېنېرگىيە - بايلىق ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.