ئىستېرېئولۇق قاپلاشتا ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشتىكى «يول ياسىغۇچىلار»دىن بولۇش

日期:2023年10月16日
来源:天山网
【字体:

− «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى 10 يىلدا يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر (2)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئاچقۇچ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم يۆنىلىش قىلىپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، خەۋەرلىشىش، تۇرۇبا تورىدىن ئىبارەت «بەش بىر گەۋدە» قىلىنغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان قاتناش تورى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى دۆلەت ئىچى - سىرتىنى تۇتاشتۇردى

10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، تىيانشان ئېتىكىدە، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالىدا، لىق يۈك قاچىلانغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ۋوگزالدىن يولغا چىقتى، بۇ پويىز ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ ياۋروپاغا بارىدۇ؛ ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا، ئالدىدىن كۆتۈرىدىغان كىران يۈك ساندۇقلىرىنى نۆۋەتچى پويىزغا قاچىلاۋاتاتتى...

كېچە - كۈندۈز توختاپ قالمىدى، تېز سۈرئەتتە ئالغا ئىلگىرىلىدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش باشلانغان 10 يىلدىن بۇيان، «پولات كارۋان» دەپ ئاتالغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئاسىيا - ياۋروپا ئارىسىدا قاتناپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم بەلباغقا ئايلاندى.

شىنجاڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قولايلىق قۇرۇقلۇق يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن، مەملىكەت بويىچە يېرىمدىن كۆپرەك جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرا سىرتىغا قاتنايدۇ.

شىنجاڭ جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىدە تۈگۈن بولۇپ يىغىش - تارقىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۆمۈريول پورتلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۆزگەرتىش، تۈگۈنلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پورتنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى، كارخانىلار ھەم قازاقىستان تەرەپ تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى ۋە ماسلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش»نى كېڭەيتىپ قوللىنىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنى بېكەتتە توختىتىش ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەكشۈرۈش ۋاقتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قىسقارتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تىرانسپورت ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئارىسىدىكى خەلقئارا تىرانسپورتنى پۇختا ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

«10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش قېتىم سانى تېخىمۇ كۆپەيدى، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، مال تۈرى تېخىمۇ موللاشتى، يۈرۈش ئەندىزىسى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تاشقى ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بەي لۇ.

شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز كۆپەيتىلدى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت لىنىيەسىدە يۈرۈش خەرىتىسىدە بېكىتىلگەن بويىچە يۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت يولى + قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى» بويىچە سىناق تەرىقىسىدە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بىلەن ھەمكارلىشىپ «شەندۇڭ - شىنجاڭ نۆۋەتچى پويىزى»نى تەشكىللەپ يولغا سالدى، تاشيول - تۆمۈريول، دېڭىز يولى - تۆمۈريول قاتارلىق كۆپ خىل تىرانسپورت شەكلى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىدىغان، ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان تىرانسپورت مۇلازىمەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 70 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %57ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى؛ شىنجاڭدىن يولغا چىققان خەلقئارا نۆۋەتچى پويىز 8024 بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %50.4 ئاشتى. ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى جەمئىي 112گە يېتىپ، گېرمانىيە، بېلگىيە، پولشا، رۇسىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتاشتۇرۇلدى؛ قورغاس تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى جەمئىي 80گە يېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 45 شەھەر ۋە رايوننى قاپلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، شىنجاڭ ئارقىلىق ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قاتناپ، ئادىمىيەت، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى.

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ كورلا جەنۇبىي ئۆتۈشمە يولى - لوپنۇر بۆلىكىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) تاشيول چەمبىرىكى پۈتتى.

بۇ، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشقانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. شىنجاڭ ئىچىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلار يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە چوڭقۇر قاتنىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا ئۈزۈلدۈرمەي ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە يادرولۇق مەزمۇن. 10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، خەۋەرلىشىش، تۇرۇبا تورىدىن ئىبارەت «بەش بىر گەۋدە» قىلىنغان مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى.

قاتناش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىر لى شۆدۇڭ مۇنداق دېدى: 10 يىلدا، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن تاشيول مۇساپىسى 62 مىڭ 200 كىلومېتىرغا، ئومۇمىي مۇساپىسى 217 مىڭ 300 كىلومېتىرغا يەتتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شىمالىي يولى بولغان G7 بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ئوتتۇرا يولى بولغان G30 ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، جەنۇبىي يولى بولغان G0612 لىنىيەسى يېتىمبۇلاق - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يولى ھەم G3012 جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ چوڭ يولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان 3 - چوڭ تاشيولدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جۇڭغار، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك (1 - دەرىجىلىك) يول پۈتتى. S319 لىنىيەسى بۇرچىن - جېمىنەي پورتى قاتارلىق خەلقئارا تىرانسپورت يولى، G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە − ئونسۇ قاتارلىق لىنىيە بويى يولى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش - چىقىشنى تېزلىتىش، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى تۇتاشتۇرۇش» يول تورى ئەندىزىسى تېز شەكىللەندى.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تىرانسپورت مۇساپىسى 9092.1 كىلومېتىرغا يەتتى، جۇڭگو قورغاس − قازاقىستان ئالتۇنكۆل، جۇڭگو ئالاتاۋ − قازاقىستان دوستېك چېگرا ھالقىغان تۆمۈريولىنىڭ تىجارىتى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئارىسىدىكى مۇھىم تۆمۈريول تۈگۈنىگە ئايلاندى؛ ئىككى تەرەپلىك خەلقئارا تىرانسپورت يولى 118گە، كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا يول تىرانسپورت لىنىيەسى ئونغا يېتىپ، لىنىيە سانى ۋە مۇساپىسىدە بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى؛ شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇم سانى 25كە كۆپىيىپ، مەملىكەت بويىچە نۆۋەتتە ئايرودۇرۇم سانى ئەڭ كۆپ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇپ قالدى، 19 دۆلەتتىكى 23 شەھەر بىلەن بولغان ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۇچۇر ئالاقىسى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. شىنجاڭدا چېگرا ھالقىغان ئوپتىك كابېلدىن 26سى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» بويىچە تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىدىن ئىككىسى، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش» يولىدىن ئۈچى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، «شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %11.7 ئاشتى، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %38.9 ئاشتى.

ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلدى

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جىڭ - ئالاتاۋ بۆلىكىنىڭ 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، رېلىسلار بىر - بىرلەپ ياتقۇزۇلۇۋاتاتتى، بۇ قۇرۇلۇشتا مۇشۇ ئايدا رېلىس ياتقۇزۇش خىزمىتى تاماملىنىدۇ؛ G0711 لىنىيەسى ئۈرۈمچى - لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسى ئىچىدە قاتتىق تاغ جىنىسلىرىنى قېزىش ماشىنىسى گۈرۈلدەپ قېزىۋاتاتتى، ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىنى يىل ئىچىدە تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ...

شىنجاڭ ھازىر بار بولغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپلا قالماي، يەنە كۆپ ساھەدىكى نۇرغۇن زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويدى.

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، گولمۇد - كورلا تۆمۈريولى(شىنجاڭ بۆلىكى)نىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش باشلاندى؛

9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شۆبە شىركىتى تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننا ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش 2 - قارارلىق تۈرى، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش تۈرى، جياڭجۈنمياۋ - نوم تۆمۈريولى 2 - لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش تۈرى قاتارلىق ئۈچ زور تۈردە بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى؛

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۈرۈمچى - سانجى ۋە فېڭخۇاڭ - ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى، فېڭخۇاڭ - ياجۇڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى تۈرىدىن ئۈچى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يانداش قۇرۇلۇشى، گەنچۈەنپۇ، داۋانچىڭ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى تۈرى قۇرۇلۇشىدىن ئونى تېزلىتىلىۋاتىدۇ، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئالتىسى تىرىشىپ پۈتكۈزۈلىدۇ؛ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەمئىي 73 مىليون كىلوۋات ئەتراپىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 13 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى؛ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 4 - يولمۇ پائال پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى ھەم تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭ G3033 كۈيتۈن (مايتاغ) - كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۈردە بالدۇرراق ئىش باشلاشنى قولغا كەلتۈرمەكتە، قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان بىرقەدەر تېز ھەم قولايلىق قاتناش چوڭ يولىغا ئايلىنىدۇ؛ غۇلجا - ئاقسۇ تۆمۈريولىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭدا تۆمۈريول چوڭ ئايلانما لىنىيەسى شەكىللىنىدۇ؛ جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريول تۈرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان يەنە بىر قولايلىق يول بولۇپ قالىدۇ.

بۇ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ.

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تەرەققىياتقا كۈچ قوشتى، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ كەلگۈسىگە ئاتلاندۇق. شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش باشلانغان 10 يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى پۇختا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئاساسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە مۇقەررەر ھالدا كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئەلا جاۋاب قەغىزىنى تاپشۇرىدۇ.