سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ تەرەققىيات مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭ بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك

日期:2023年10月16日
来源:天山网
【字体:

شىن شىجيەن

«يۇقىرىنىڭكىنىلا ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، بۈگۈننى ئويلاپ ئەتىنى ئويلىماسلىقتەك خاتا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بىلەن، شىنجاڭنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلىرى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇلدى، ئويلىنىپ تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىلدى، بولۇپمۇ كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتىكى ئېغىش مەسىلىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، كۈرەش قىلىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، بىراق كادىرلار قوشۇنىدا ساقلىنىۋاتقان تۈرلۈك نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش ئىپادىلىرىنىمۇ كۆرۈش كېرەك. مەسىلەن، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىش، مەسىلەن، قارىغۇلارچە ئىش قىلىش، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇش، مەسىلەن، ئەمەلىي ئەھۋالغا باقماي كۆلىمى زور بولۇشقا ھەم چەت ئەلنىڭ ئۇسۇلىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئۇرۇنۇش، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش، مەسىلەن، «يۈزەكى ئىش قىلىش»، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلىشقا بېرىلىش قاتارلىقلار.

نەتىجە قارىشى كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىدىكى قىممەت يۈزلىنىشىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ، كادىرلارنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، سىياسىي نەتىجە يارىتىشىدىكى ئىدىيەۋى ئاساس. سىياسىي نەتىجە قارىشى قانداق بولسا، تەرەققىيات جەريانى ۋە نەتىجىسى شۇنداق بولىدۇ. ئەگەر سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلسە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا جەزمەن بىر تەرەپ قىلىشقا تېگىشلىك تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ئىگىلەش تەس بولىدۇ، ياكى ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالىدىغان، ياكى بىرسىگە سەل قاراپ، بىرسىگە ئېتىبار بېرىدىغان، ياكى ئىشنىڭ باش - ئايىغى ئاستىن - ئۈستۈن بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

ھازىر، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ تەرەققىياتتىكى بەش جۈپ مۇناسىۋەتنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تېز بولۇش بىلەن مۇقىم بولۇشنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مەۋقەنى ئۆز ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، كۆزلىمە نىشانغا يېتىشىنى تېزلىتىپ، «ساقلاپ تۇرماسلىق»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى. ئۆگىنىشتە بەسلىشىش، يېتىشىۋېلىش، ئېشىپ كېتىشتەك تەرەققىيات كەيپىياتى ئىنتايىن قىممەتلىك، لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىر تارىخىي جەريان، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، بىر ھۇجۇم بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىشكە، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىشقا، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىن يوشۇرۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بولۇپمۇ «قوش قىيىن» «كۆپ قىيىن» مەسىلىلەرگە قارىتا، ئېھتىياتچان، سالماق بولۇش، ئىلمىي دەلىللەش، سېلىشتۇرۇپ ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، تەدبىر بەلگىلەشتىكى سەۋەنلىك ۋە تەرەققىياتتىكى پاسسىپلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

چوڭ بىلەن كىچىكنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش قاتارلىق چوڭ سېلىنمىلىق تۈرلەر، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، تۇتقىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. لېكىن شۇنىمۇ تونۇپ يېتىش كېرەككى، 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈرنى جەلپ قىلىش سىياسىي نەتىجە، 10 مىليونلۇق تىجارەت سۇبيېكتىنى يېتىلدۈرۈشمۇ سىياسىي نەتىجە. شۇڭا، زور تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، چوڭ تىپتىكى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن بىللە، يەنە سانى كۆپ، مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ قەرز ئېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، بازار ئېچىش، ھېساباتىدىكى نېسى قالغان پۇلنى ئېنىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى توسۇقلارنى، توسۇق نۇقتىلارنى ۋاقتىدا راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، چوڭ كارخانىلار «جاسارەتلىك بولۇش»، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار «ھەممە يەرنى قاپلاش»تەك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يېڭى بىلەن كونىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات كۆپ ھاللاردا يېڭى كەسىپ، يېڭى تۈر، يېڭى مۇسابىقە يولىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، لېكىن ئاساسلىق، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە يوشۇرۇنغان غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچى يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. نېفىت، نېفىت خىمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، پاختا، پاختا توقۇمىچىلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەل كەسىپلىرى، ئەگەر مەۋقەنى بۇنىڭغا قويماي، ئەكسىچە پەقەت يېڭى بولۇشقا، پەرقلىق بولۇشقىلا ئىنتىلسەك، «كاتتا» بولۇشنىلا قوغلاشساق، بۇ، يۆنىلىش توغرا بولمىغانلىق بىلەن باراۋەر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى بىلەن كونىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ «يېڭى ئەمەلدار» بىلەن «كونا ھېسابات»تا ئىپادىلىنىدۇ، شۇنى بىلىش كېرەككى، ئاممىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى قايسى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەمەلدارنىڭ ھېساباتى ئەمەس، بەلكى بۇ ھېساباتنى قايسى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەمەلدارنىڭ ھەل قىلالايدىغانلىقى. مۇرەككەپ، قىيىن ھېساباتقا قارىتا دادىللىق بىلەن خىرىسنى قوبۇل قىلىش - قىلماسلىق «يېڭى ئەمەلدار»نىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى سىنايدۇ.

يۇقىرى بىلەن تۆۋەننىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا ھەم «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈش، ھەم نەزەرنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىش، ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش كېرەك. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆت بۆلەك رايون بويىچە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش شەكلى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، ھەربىر مەيدان نەق مەيدان يىغىنىنىڭ ھەممىسى بىر قېتىملىق چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بولدى. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئەۋزەللىكى ۋە يېتەرسىزلىكى بار، ئەگەر چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كەمچىل بولسا، پەقەت شەخسىي تەجرىبىگە تايىنىپ سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن ھۆكۈم چىقارساق، قارار قىلساق، چىقارغان تەدبىر، تۈزگەن سىياسەت ئاممىغا يېقىن بولمايدۇ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا، يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرىنىڭ روھىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەپ، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنى يېڭىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشنى قەتئىي توسۇپ، ئۆزىچە رەھبەرلىكنى رازى قىلدىم دەپ قاراپ، ئاممىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئەخمىقانە ئىشلارنى ھەرگىز قىلماسلىق كېرەك.

ئاشكارا بىلەن يوشۇرۇننىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا ھەم «ئاشكارا نەتىجە» يارىتىپ، پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان ئىشلارنى قىلىش؛ ھەم «يوشۇرۇن نەتىجە» يارىتىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن دىققەتنى «شاھمات كۆزى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاشقىچە، يەنە ئومۇمىي تەپەككۇر ئارقىلىق سۇ باشقۇرۇش، سۇ تىزگىنلەشكىچە، شىنجاڭ بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. دەرۋەقە، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا قىزىققانلىق قىلىشتىن، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ ھەدەپ كۈچەپ ئىشنى تېز ۋۇجۇدقا چىقىرىش كويىدا بولۇشتىن ساقلىنىش، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن مەنزىلنى چېنىقتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئېغىپ كېتىشتىن ساقلىنىشتا يىلتىزدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئاچقۇچ. پارتىيەۋىلىك جەھەتتە شەخسىي غەرەز، بىمەنە خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي مەقسەت جەھەتتە خەلقنى ھەقىقىي تۈردە قەلب تۆرىگە قويۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىش كېرەك؛ تەپەككۇر جەھەتتە سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئىدىيە جەھەتتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا شىنجاڭنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالماسلىقى، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ھەر مىللەت كادىرلار تېخىمۇ مۇھىمى توغرا نەتىجە قارىشىنى قەلبنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلىمىدا مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «كىم ئۈچۈن نەتىجە يارىتىش، قانداق نەتىجە يارىتىش، نەتىجىنى قانداق يارىتىش» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش، ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ «بۇ تاياق»ىنى ياخشى ئېلىپ يۈگۈرۈشى كېرەك.