2023 - يىللىق جۇڭگو كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى (شىنجاڭ) باشلاندى

日期:2023年10月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023 - يىللىق جۇڭگو كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى (شىنجاڭ) سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا باشلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ شياۋلەن سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پائالىيەتكە قاتناشقان رەھبەرلەر ۋە ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت، بۇ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، شىنجاڭنىڭ خاس زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشىغا زور پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. بىز مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىمنىڭ ھەمكارلىشىشى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ ئوچۇق قىياپەتتە، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، پۈتۈن مۇھىم ئامىللىق، پۈتۈن جەريانلىق، پۈتۈن دەۋرىيلىك بولغان ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى تېز يېتىلدۈرۈشىمىز، زورايتىشىمىز كېرەك.

چېن ۋېيجۈن باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ گاڭ شىنجاڭنىڭ كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، خا زېڭيوۋ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى خۇاڭ چىفەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

نەق مەيداندا يەنە «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كۇتۇپخانىسى»غا ۋىۋىسكا بېرىش مۇراسىمى ھەم كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر بىلەن كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ساھە بىرلەشمىلىرى، جەمئىيەتلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. پائالىيەتتە جەمئىي 265 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، ئومۇمىي سوممىسى 556 مىليارد 758 مىليون يۈەن بولدى.

سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ساھە بىرلەشمىلىرى، جەمئىيەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ھەم تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇتەخەسسىسلەر - ئالىملار، كارخانىچىلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوندىكى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى، جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، سەككىز مەيدان مەخسۇس تېمىلىق ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى، بىر مەيدان مۇنبەر ھەم «كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش سانجى سەپىرى» پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.