شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك

日期:2023年10月16日
来源:天山网
【字体:

مەملىكەتلىك يىرىك پىلان ئېلان قىلىندى

شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى قانداق ئېلىپ بېرىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ

ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى ئېگىزلىكتە چۆللۈك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ چولپان يېزىسى ئەگمە پارنىكتىن پايدىلىنىپ جەنۇبىي ئامېرىكا ئاق پراۋ راكى باقتى، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگوۋ بازىرى «بېلىق بىلەن كۆكتات تەڭ بېقىلىدىغان، ئۆستۈرۈلىدىغان» ئەندىزىنى كىرگۈزۈپ، بېلىقلارنى ياخشى باقتى، كۆكتاتلارنى بۇلۇق ئۆستۈردى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا سان ۋە سۈپەتنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، ھەرقايسى جايلار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

يېقىندا، «مەملىكەتلىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2023 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى، بۇ دۆلىتىمىز ئېلان قىلغان تۇنجى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى بولۇپ، كەلگۈسى بىر مەزگىللىك زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئۈچۈن «ۋاقىت جەدۋىلى» ۋە «يول خەرىتىسى» تۈزۈپ بەردى. شىنجاڭ زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قانداق تېزلىتىدۇ؟ 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى باغۋەنچىلىك زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆكتاتچىلىق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خاۋنى زىيارەت قىلدى.

«شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، سېتىش، ئوبوروت قىلىش سىستېمىسى ماس قەدەمدە مۇكەممەللىشىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايدى. بارلىق ناھىيە، شەھەر، رايونلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆكتات قاتارلىقلارنىڭ يىل بويى تەڭپۇڭ تەمىنلىنىشى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈلدى.» ۋاڭ خاۋ مۇنداق دېدى: «يىرىك پىلان»دا شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بىر قەدەر كۆپ، مەسىلەن، چۆللۈك، قۇملۇق ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، شورلۇق يەر ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، كونا پارنىكلارنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، زاۋۇتلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت.

يولغا قويۇش قاتلىمىدا، «يىرىك پىلان»دا ئېنېرگىيە تېجەش، ماشىنىدا يىغىۋېلىشقا ماس كېلىش ئاساس قىلىنغان زامانىۋى ئەسلىھەلىك تېرىقچىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۈجۈپىلىك بولۇش ئاساس قىلىنغان زامانىۋى ئەسلىھەلىك چارۋىچىلىق، ئېكولوگىيەلىك ساغلام باقمىچىلىق ئاساس قىلىنغان زامانىۋى ئەسلىھەلىك بېلىقچىلىق، ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش ۋە قاقلاپ قۇرۇتۇش ئاساس قىلىنغان زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«<يىرىك پىلان>دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان <زامانىۋى> دېگەنلىك ھەشەمەت كۆرۈنىدىغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى مەلۇم دەرىجىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا <تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتى>غا ئاز تايىنىش، ھەتتا تايانماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى، ئاپتوماتلىشىش، ئادەم كۈچىنى ئازايتىش، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇشنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» ۋاڭ خاۋ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، كىلىمات پەرقى چوڭ، جۇغراپىيەلىك ئېكولوگىيە تىپى كۆپ خىل، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتە بايلىقتىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يېتەكلەش، ئىشلەپچىقىرىشتا يېشىل ئايلىنىش، بازار سۇبيېكتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەپەككۇرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پىلانلاپ، كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، كارخانىلارنى يېتەكچى قىلغان باغچە رايونى شەكلىدىكى، بازا شەكلىدىكى، ئېچىش شەكلىدىكى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزىتىپ ئۆلچەش تېخنىكىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى دېھقانلارنىڭ پارنىكىدا ئومۇملاشتۇرۇپ قوللىنىپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

2020 - يىلى، شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى، بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا، ئەگمە پارنىك، كۈن نۇرى پارنىكى، تۇتاش پارنىكنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئۆسۈملۈك زاۋۇتلىرىمۇ ئاز ئەمەس، بۇ يەر شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئەسلىھەلىك كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ قالدى.

«زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ئۈنۈم يۇقىرى، ھوسۇل يۇقىرى، پايدا يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە، مېۋە، كۆكتاتلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ماس كېلىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك، بازار ئېھتىياجى ئەڭ زور؛ يېمەكلىك زەمبۇرۇغىنىڭ ئەسلىھە شارائىتىغا بولغان تەلىپىدىكى پەرق چوڭ، جىنجېنگۇ زاۋۇتلاشتۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدۇ، پىڭگۇ، يۈەنگۇ، شياڭگۇ قاتارلىقلارنى ئاددىي ئەسلىھەلەر ئارقىلىقلا ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؛ بېلىق باقمىچىلىقى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىغا بولغان تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى.» ۋاڭ خاۋ مۇنداق قارىدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئەسلىھەلىك كۆكتاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆكتات تۈرى، ئېڭىز ئورنى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى، گۈل - گىياھ، بېلىق باقمىچىلىقى، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

□مۇتەخەسسىسلەر كۆرسەتمىسى

دېھقانلارنى زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىدا «بېيىش تېز پويىزى»غا ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

بىرىنچى، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بازار قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلاردىكى بازار قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاقتىدا سېتىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلاردىكى بازارلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىدىغان جايلاردا دەرىجىگە ئايرىش، تازىلاش، ئوراپ قاچىلاش، زاپاس ساقلاش قاتارلىق دەسلەپكى پىششىقلاشنى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش كېرەك.

ئىككىنچى، پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا قوشۇنىنى زورايتىپ، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشكىللىك قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يېڭىچە كەسپىي دېھقانلار ۋە يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىك باشلامچى كارخانىلىرى تەرەققىياتىدا، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش جەريانىدا ماھارەت ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىچە دېھقانلار ۋە يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بازارغا سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تۆتىنچى، ھازىرقى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. دېھقانلارغا ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ يۆلەپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.