«قاپاقچى بوۋاي» كەنتكە كېلىپ ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈردى

日期:2023年10月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جۈنجيەن

9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتىگە جايلاشقان ۋۇگۇڭتەي بازىرى يېزا - كەنت مەدەنىيەت - ساياھەت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باغچىسى مۇشۇ ناھىيەدىكى تەتقىقات - ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقان نەچچە ئون نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى كۈتۈۋالدى. كەسىپلەر باغچىسىدا ئۆستۈرۈلگەن ھەرخىل شەكىلدىكى قاپاقلار ھەمدە مىڭغا يېقىن قاپاق ئويمىچىلىقى ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، بالىلار خۇددى ئاجايىپ قاپاق دۇنياسىغا كېلىپ قالغاندەك، بۇلارغا چوڭقۇر مەپتۇن بولدى.

قاپاق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مەسئۇلى تاۋ خەيبىن ۋە ئۇنىڭ دادىسى − بالىلار «قاپاقچى بوۋاي» دەپ ئاتايدىغان تاۋ يەنشەن چەكسىز خۇشال ھالدا بالىلارغا قاپاق رەسىم - ئويمىچىلىق ھۈنىرىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

قاپاق رەسىم ئويمىچىلىقىدىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر باغچىسى بەرپا قىلىشقىچە، گەپنى «قاپاقچى بوۋاي» تاۋ يەنشەندىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

تاۋ يەنشەن بۇ يىل 87 ياشقا كىردى. 1995 - يىلى ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ قاپاق تېرىشقا باشلىدى. بارا - بارا، ئۇ يەنە قاپاققا نەقىش ئويۇش، رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشكە باشلىدى، بىر سىزغانچە 20 نەچچە يىل داۋاملاشتۇردى. ھەر كۈنلۈك مەشىق ۋە ئىجادىيەت جەريانىدا، تاۋ يەنشەن قاپاققا رەسىم سىزىش، نەقىش ئويۇش قاتارلىق ھۈنەرلەرنى پىششىق ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئادەم، ھايۋانات، تاغ - دەريا، گۈل - گىياھ قاتارلىق ھەرخىل ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭغا يېقىن قاپاق رەسىم - ئويمىچىلىق ئەسىرىنى ئىجاد قىلدى.

تاۋ يەنشەن مۇنداق دېدى: رەسىم سىزىشنى ئەمدىلا باشلىغاندا، ئەسەرلىرىمدە سەككىز ئەۋلىيانىڭ دېڭىزدىن ئۆتۈشى، 12 مۆچەل، بەخت - سائادەتلىك بولۇش، باي - باياشات بولۇش، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش، خۇشال - خۇرام ياشاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تېمىلار ئاساس قىلىنغانىدى. كېيىنچە، رەسىم سىزىش ئۇسلۇبىمدا تەدرىجىي ئۆزگىرىش بولدى. «سەنئەت دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك، شۇڭا، مەن دەۋر ئاساسىي تېمىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدىم» دېدى ئۇ.

2014 - يىلى، تاۋ خەيبىن دادىسىدىن قاپاق رەسىم - ئويمىچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. تاۋ خەيبىن كىچىكىدىنلا گۈزەل سەنئەتنى ياخشى كۆرەتتى، رەسىم سىزىش ئاساسى بىر قەدەر ياخشى ئىدى، دادىسىدىن قاپاق رەسىم - ئويمىچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىپ ناھايىتى تېزلا ئۇستا بولۇپ كەتتى. تاۋ خەيبىن كاللىسى ئۆتكۈر بولغاچقا، دادىسىنىڭ سەنئەت تالانتىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە قاپاق ئەسەرلىرىدە ھەرخىل مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە نەچچە يۈەنگىلا ساتقىلى بولىدىغان قاپاقنىڭ قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.

2017 - يىلى، تاۋ خەيبىن ئاتا - بالا قۇتۇبى ناھىيە بازىرىدىن ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەخت كەنتىگە كېلىپ، ئەينى چاغدىكى يېزا - كەنت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قاپاق باغچىسىنى قۇردى.

مۇشۇ يىللاردا، قاپاق باغچىسىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، قاپاق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى تۈرىمۇ تەدرىجىي بېيىدى. قاپاق باغچىسىدا قاپاق ئۆستۈرگىلى، قاپاق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ياسىغىلى بولىدۇ، ساياھەتچىلەر قاپاق باغچىسىنىڭ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، قاپاققا رەڭلىك سىزما سىزىش، قاپاققا نەقىش ئويۇش، قاپاققا داغماللاپ رەسىم سىزىش قاتارلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش ھۈنىرىنى ئۆگىنەلەيدۇ، يەنە ئارزۇسىدىكىدەك قاپاق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ. تەدرىجىي ھالدا، قاپاق باغچىسى شۇ جايدىكى بىر ساياھەت داكا نۇقتىسىغا ئايلاندى.

قاپاق باغچىسىنىڭ داڭقى چىقىپ، بەخت كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگىمۇ نەپ يەتكۈزدى. كەنتتە ساياھەت شىركىتى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قاپاق ئۆستۈرۈش، قاپاق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ياساش، دېھقانلار ئارامگاھى ۋە ئائىلىۋى قونالغۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشكىللىدى، كەنتتە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى كۈنسېرى گۈللەندى.

«بىز قاپاق مۇزېيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەرخانىسى، قاپاق باش تېما شادلىق باغچىسى قۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاپاق ھارىقى، قاپاق زىياپىتى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئېچىپ، قاپاق ئارقىلىق يېزا - كەنت ساياھىتى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى پىلانلىدۇق.» دېدى تاۋ خەيبىن بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ.