دېھقانلار ئوت - چۆپ ئوتىسا، ئۇ ئوت - چۆپ تېرىدى مو بېشى پايدىسى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى

日期:2023年10月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«بىر مو يەردىن 600 نەچچە كىۋادرات مېتىر چىم چىقىدۇ، بىر كىۋادرات مېتىر چىم 15 يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىدۇ، مو بېشى پايدىسى 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ. 300 مو يەردىن 200 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىن چىم چىقىدۇ، بىر كىۋادرات مېتىر چىمنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاش ھەققى بىر يۈەن، بۇ يەردە ئىشلەيدىغان كەنت ئاھالىلىرى ئاپتوموبىلغا قاچىلاش ھەققىدىنلا 200 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل تاپالايدۇ.» 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى سۇلۋا كەنتىنىڭ كەنت كادىرى يۈسۈپ ئەمەر كەنت بېشىدىكى بىر پارچە چىملىق ئۈستىدە توختىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتى قىلدى.

بۇ بىر پارچە چىملىق G3012 تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ سۇلۋا كەنتىدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ بىر تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپتىكى مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلىك باغلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيتتى، ئەمما بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلەپ باققان كەنت ئاھالىلىرى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ باققان كادىرلار بىر پارچە چىملىقنىڭ كەڭ يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقىنى بايقىدى.

چىم تېرىغۇچىنىڭ ئىسمى ليۇ يۇڭ بولۇپ، ئون يىل ئىلگىرى ئۇ گەنسۇ تيەنشۇيدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ چىم تېرىغان. چىم ئاساسلىقى مەكتەپلەردە پۇتبول مەيدانى ياساش، ئالىي دەرىجىلىك ئولتۇراق رايونلارنى كۆكەرتىش، شەھەر ئىستىراھەت مەيدانى ياساش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ھەرقايسى جايلارنىڭ شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىر مەھەل چىمنىڭ بازىرى ئىتتىك بولدى. ليۇ يۇڭ بىر قېتىم تېرىغان چىمنى سېتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلاپلا يەنە بىر قېتىم تېرىيدۇ، ئىككى يىلدا چىمدىن ئۈچ قېتىم ھوسۇل ئالالايدۇ.

تېرىش جەريانىدا يېڭى مەسىلە كۆرۈلدى: بىر كىۋادرات مېتىر چىمنى 15 يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ، لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭغا توشۇش ھەققى يۇقىرى ئىدى. ليۇ يۇڭ ئونسۇ ناھىيەسىگە بېرىپ چىم تېرىپ، توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى.

2021 - يىلى، ليۇ يۇڭ سۇلۋا كەنتى ھەم ئۇنىڭغا يېقىن ئىشلەمچى كەنتىدە مۇۋاپىق بولغان تېرىقچىلىق بازىسىنى تاللىدى.

بىرەيلەننىڭ كەنتكە كېلىپ ئوت - چۆپ تېرىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى چاقچاق قىلىشىپ مۇنداق دېيىشتى: «دېھقانلارنىڭ يەر تېرىشتا ئەڭ بىزار بولىدىغىنى ئوت - چۆپ، ئېتىزدىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يۇلۇپ تۈگەتكىلى، ئوتاپ تۈگەتكىلى بولمايۋاتسا، يەنە مەخسۇس ئوت - چۆپ تېرىيدىغان كىشىلەرمۇ باركىنا؟»

ئونسۇ ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ سۇلۋا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ليۇ يۇڭ تىراكتور، ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى، چىم ئېلىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئېگىز غوللۇق تىپچاق، چىلگە باشاق قاتارلىق ئوت - چۆپ تۈرلىرى تېرىلغاندىن كېيىن، پۈركۈپ سۇغىرىشنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن ئاستا - ئاستا غايەت زور «يېشىل گىلەم» ھاسىل بولدى. بىرىنچى قېتىم تېرىلغان ئوت - چۆپ تېخى ئۆسۈپ بولالماي تۇرۇپلا، قەشقەر شەھىرى، خوتەن شەھىرى، كورلا شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى سودىگەرلەر كېلىپ مال زاكاز قىلدى.

مىجىت ئىسمائىل قاتارلىق كەنت ئاھالىلىرى قىزىقىش ئىچىدە كۆرگىلى كەلدى. ئۇلار چىمنى ياخشى تېرىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ پۈتۈنلەي تېخنىكىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. بىر قىسىم يەردىكى چىمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولماي قالسا، ۋاقتىدا تولۇقلاپ تېرىش ھەم مۇۋاپىق ئوغۇتلاش، ئوت - چۆپلەر بەك تېز ئۆسۈپ كەتسە، خۇددى چاچ ياسىغانغا ئوخشاش ئوت - چۆپ ئورۇش ماشىنىسى بىلەن قىرقىپ تۇرۇش كېرەك ئىدى. ياۋا ئوت - چۆپلەر پەيدا بولغاندا ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى چېچىش، ئوت - چۆپنىڭ ئۆسۈشىنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنىڭ يىلتىز سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يەنە تىراكتور ئارقىلىق تۇلۇقنى سۆرەپ بىر قانچە قېتىم بېسىش كېرەك ئىدى.

زاكاز كۆپ بولغاندا، بىر نەچچە ئايدىلا بىر تۈركۈم چىمنى ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ، ليۇ يۇڭ ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتتا 20 نەپەر كەنت ئاھالىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى. ئىشىك ئالدىدىلا ئىشلەۋاتقان بۇ كەنت ئاھالىلىرى ھەربىرى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 يۈەن تاپتى، يەنە چىم تېرىش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى.

ئونسۇ ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ سۇلۋا كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1 - شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى تاڭ خۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى چىم تېرىقچىلىق بازىسىدا لەگلەك ئۇچۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، پائالىيەتكە قاتناشقان ياشلار چىملىقتا چېپىپ يۈرۈپ، ئۆزگىچە سەھرا خۇشاللىقىنى ھېس قىلدى.