شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2023年10月15日
来源:天山网
【字体:

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يىغىنى ئېچىلدى

شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى زۇمرەت ئوبۇل، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلاردا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئالاقىدار مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش مۇھىم مۇناسىۋەت»نى ئىلمىي ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جىڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورمانچىلىق ـ ئوتلاق ئىدارىسى، دۆلەت تەبىئىي بايلىق نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش شىئەن ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار ئىجادىي يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ يېشىل ئاساسى رېڭىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق كۈچەيتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، يېرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، شىنجاڭدا ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشتىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك، مەنبە خاراكتېرلىك، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك بېسىم تېخى تۈپتىن يېنىكلىگىنى يوق. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بىز باشتىن ـ ئاخىر شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئارقىلىق گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇم ـ بورانلىق ھاۋارايىنى تىزگىنلەش، شەرقىي شىنجاڭدىكى قۇم ـ بۇلغىنىشنى تەڭ تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ دىققەتنى سۇ بايلىقى، سۇ مۇھىتى، سۇ ئېكولوگىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تىزگىنلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۈزۈك سۇنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك؛ مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى تۈزەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش خاس ماركىسىنى يارىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئېكولوگىيەلىك ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىستېمىلىق، ئىلمىي ھالدا ئېكولوگىيەنى تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇكەممەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن پايدىلىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى رايونلار ھەمتۈرتكە بولۇپ ئالغا سىلجىتىپ، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئۆزگىچە قۇم كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قىزىل سىزىقى، تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مۇھىت بۇلغىنىش خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلەندۈرۈش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، قانۇنچىللىق، بازار، پەن ـ تېخنىكا، سىياسەت قاتارلىق كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، بايلىق، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەكشۈرۈش ـ باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى توغرا بولمىغان، ئېغىر ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا قارىتا ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك. راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشى، پۈتۈن كۈچ بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بۇلغىنىشنى تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى چىڭىتىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، بىڭتۇەن 8 ـ شى شىخەنزە شەھىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە ـ مۇھىت نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئورمانچىلىق ـ ئوتلاق ئىدارىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرى، ئالاقىدار ئاپتونوم رايون كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەركەز كارخانىلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.