ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 ـ يىللىق 3 ـ پەسىللىك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

日期:2023年10月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 ـ يىللىق 3 ـ پەسىللىك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ۋەزىيەت، مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت تەدبىرلىرى مۇھاكىمە قىلىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى»گە قاراپ چىقىلدى، 3 ـ پەسىللىك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەت سۈپىتى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، دىققەتنى «2023 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» ۋە ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى لايىھەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى، يول خەرىتىسى، مەسئۇل كىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. يىل بېشىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا تۈرمۇتۈر رەتلەپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، تەكشۈرۈش، باھالاشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئورۇنداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا سىجىل تۈردە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىستېمىلىق پىلانلاشنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇپ، قىيىن نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تۇتۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى تۇتۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى پىروگراممىسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان خىزمەتلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.