23 نەپەر مەملىكەت سىرتىدىكى ياش خەنشۇناس شىنجاڭغا كېلىپ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇردى

日期:2023年10月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2023 ـ يىللىق ياش خەنشۇناسلار تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش پىلانى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، فىلىپپىن، گېرمانىيە، ئارگېنتىنا، ئۆزبېكىستان قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن 23 نەپەر ياش خەنشۇناس بۇ قېتىمقى تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش پىلانىغا قاتناشتى.

ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، بەش نەپەر ياش خەنشۇناس ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشى ۋە تەتقىقات ساھەسىنى چۆرىدەپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھېكايىسىنى ھەمبەھرىلىدى.

«مېنىڭ جۇڭگونى ياخشى كۆرۈشۈم، جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ياخشى كۆرۈشىمدىكى سەۋەب، مەن جۇڭگو تىل ـ يېزىقىنى ئۆگىنىش جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ قالدىم.» ئۆزبېكىستان سەمەرقەنت دۆلەتلىك چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىنىڭ جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتقۇچىسى يەن زى مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخى، پارلاق مەدەنىيىتى، گۈزەل مەنزىرىسى، مەززىلىك تائاملىرىنىڭ ھەممىسى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ...» شۇ كۈنى، ئۇ يەنە ئالايىتەن نەق مەيداندا ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان خەنزۇچە ناخشا − «تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى پىشتى»نى ئېيتىپ بەردى، نەق مەيداندىكى ئاڭلىغۇچىلار چاۋاك چېلىپ ئالقىش ياڭراتتى.

«جۇڭگودا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش كىتاب ئارقىلىق چۈشىنىشكە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.» گېرمانىيە دىبىنگېن داشۆسىنىڭ تەتقىقات ياردەمچىسى، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان شى شياۋخۇانىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ جۇڭگوغا كەلگىنىگە ئۈچ يىل بوپتۇ، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدا جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە كۈچلۈك قىزىقىش پەيدا بوپتۇ، ھازىر جۇڭگو يېقىنقى زامان ئىدىيە ئىلمىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ، «مەن بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم، شاڭخەيدە ئولتۇراقلىشىپ قالماقچى بولۇۋاتىمەن».

ياش خەنشۇناسلار تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش پىلانى پۈتۈن دۇنيادىكى ياش خەنشۇناسلارغا جۇڭگونى يېقىن ئارىلىقتىن چۈشىنىدىغان، ھېس قىلىدىغان، تەسىرات ئالىدىغان سۇپا، ئىلىم ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان سۇپا بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى پېڭ يۈبىن مۇنداق بىلدۈردى: «بۇ يىل دەل <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ياش خەنشۇناسلار تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش پىلانى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلدى ھەم تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇش باش تېمىسى <بىر بەلباغ، بىر يول> ۋە دۆلەت ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى تەتقىقاتى قىلىپ بېكىتىلدى. دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ياش خەنشۇناسلار جۇڭگودىكى دەرس بېرىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ۋە يېتەكچى ئۇستازلار بىلەن بىرلىكتە <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنىڭ سىياسەت سىستېمىسى، مەھسۇلات تەمىناتى، تىپىك تۈرلىرى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇنىڭ جۇڭگو ـ چەت ئەل مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

بۇ قېتىمقى تەتقىق قىلىپ بىلىم ئاشۇرۇشتا، 23 نەپەر ياش خەنشۇناس كۆپ مەيدان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي لېكسىيەلەرنى ئاڭلايدۇ ھەم مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن مۇددىتى ئۈچ ھەپتىلىك مەخسۇس تېمىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. ياش خەنشۇناسلار يەنە «مەدەنىيەت يىپەك يولى» باش تېمىسىدىكى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ھەم قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.