ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كۆپ بېجىرىلىدىغان 269 ئىش تۈرىدە «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى

日期:2023年10月15日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى كاڭ خاۋيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بويىچە «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ تۈركۈمدە ئامما ۋە كارخانىلار دىققەت قىلىۋاتقان، كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نوپۇس، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، باج قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كۆپ بېجىرىلىدىغان 269 ئىش تۈرىنىڭ ھەممىسىدە «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئامما، كارخانىلارنىڭ «كۆپ جايغا قاتراش» «يېنىشلاپ قاتراش» قىيىن مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، ئىش بېجىرىش ۋاقتى ۋە تەننەرخى زور دەرىجىدە تېجىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلگەن.

«<شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش>تە دىققەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىش تۈرلىرى ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ئاتلاپ ئىش بېجىرىش <قىيىن، ئاستا، مۇرەككەپ> بولۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يۈەن يۈرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەر، 23 ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 1 ـ تۈركۈمدىكى «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىلىدىغان» ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرلىرىدە ئامما، كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كۆپ بېجىرىلىدىغان ئىش تۈرلىرىدىن باشلاپ قول سېلىنىپ، «ھالقىنى ئازايتىش، ماتېرىيالنى ئازايتىش، قەرەلىنى ئازايتىش، خىراجەتنى ئازايتىش، قاتراشنى ئازايتىش» پىرىنسىپى بويىچە، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى كۆپ بېجىرىلىدىغان 269 ئىش تۈرىدە ئاساسىي مۇھىم ئامىل، قوبۇل قىلىش شەرتى، مۇلازىمەت ئوبيېكتى، بېجىرىش تەرتىپى، ئىلتىماس ماتېرىيالى، بېجىرىش قەرەلى، بېجىرىش نەتىجىسىنى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» شەكلى تور ۋە تور سىرتىدا بېجىرىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بېجىرىش شەكلىگە ئايرىلدى. توردا مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ئىش تۈرلىرىدە «پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىش» «ئۇچراشماي مۇلازىمەت قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئامما ۋە كارخانىلار شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورىنىڭ «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» مەخسۇس رايونى ھەمدە ئالاقىدار ئىش تۈرلىرىنى توردا بېجىرىش كىرىش ئېغىزىغا تايىنىپ ئىلتىماس قىلىپ بېجىرسە بولىدۇ؛ تور سىرتىدا مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ئىش تۈرلىرىدە، يېقىن ئەتراپتىكى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى مەركىزىگە ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى كۆزنەك خىزمەتچىلىرى «باشقا جايدا بېجىرىش» «باشقا جايدا ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىپ ۋاكالىتەن بېجىرىش» ياكى «كۆپ جاي بىرلىشىپ بېجىرىش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بېجىرىپ بەرسە بولىدۇ.

23 ئالاقىدار نازارەت، ئىدارە بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» خىزمىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا ۋە كارخانىلارغا ھەقىقىي قولايلىق ياراتتى. مەسىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىسى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىگە ئالاقىدار كۆپ بېجىرىلىدىغان 21 ئىش تۈرىنى يېزا ـ بازار(كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)لەرگىچە ئۇزارتتى، ئامما ۋە كارخانىلار ھەم خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرىدا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى «يېقىن ئەتراپتا بېجىرەلەيدىغان»، شۇنداقلا توردىكى كۆپ سۇپا ئارقىلىق ئۆيدىن، ئىشخانىدىن چىقمايلا بېجىرەلەيدىغان بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى يول تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيەت كىنىشكىسى، تاشيولدا چەكتىن ئاشۇرۇپ توشۇش ئىجازىتى قاتارلىق قاتناش ـ تىرانسپورت ساھەسىدىكى كۆپ بېجىرىلىدىغان 11 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرىنى «ئالىقاندا بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، بېجىرىلىش مىقدارى 167 مىڭ 700 پارچىدىن ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى باج كەسىپ مىقدارىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغان 85 تۈرلۈك كەسىپنى «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا «يېقىن ئەتراپتا بېجىرىش» «بىر قېتىمدىلا بېجىرىش»تىن ئىبارەت باج مۇلازىمىتى تەسىراتى ئېلىپ كەلدى.

يۈەن يۈرۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ۋە كارخانىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر تۈركۈم پىشىپ يېتىلسە بىر تۈركۈمنى ئېلان قىلىش، بىر تۈركۈمنى بېجىرىش» پىرىنسىپى بويىچە، «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىلىدىغان» ئىش تۈرلىرىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ؛ ئىش بېجىرىش مۇلازىمىتى تەسىراتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «شىنجاڭ ئىچىدە بىرتۇتاش بېجىرىش» ئىش تۈرلىرىدە «ئالىقاندا بېجىرىش» ۋە «ئاپتوماتىك بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ؛ ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى سىجىل چۆرىدەپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئامما ۋە كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، رازى بولۇش دەرىجىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.