بازارنى كېڭەيتىش! شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان گىلەم دۇنياغا يۈزلەندى

日期:2023年10月13日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ پارلاق گىلەم سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى بىڭلۇن تالالىق يىپ خام ئەشيا جازىسى ئالدىدا يىپ غالتىكىنىئالماشتۇرماقتا.

تىيانشان تورى ـ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شيې لۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ پارلاق گىلەم سانائىتى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پارلاق گىلەمچىلىكى دېيىلىدۇ) نىڭ زامانىۋى گىلەم ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، رەڭگارەڭ بىڭلۇن تالالىق يىپ بوشلۇقتا گىرەلىشىپ تور ھاسىل قىلىپ، بىر ئۇچى بىڭلۇن تالالىق يىپ خام ئەشيا جازىسىغا، يەنە بىر ئۇچى يېڭى تىپتىكى رەقەملەشكەن توقۇش ماشىنىسىغا تۇتاشتۇرۇلۇپ، چىرايلىق گىلەملەر توقۇلۇۋاتاتتى، بۇ گىلەملەر ئۆلچەم بويىچە ئورالغاندىن كېيىن ھەر قايسى جايلارغا ئەۋەتىلەتتى.

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىر ئىشچى شىنجاڭ پارلاق گىلەم سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

  2018-يىلى، پارلاق گىلەمچىلىكى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ تەۋەلىك رايونىدايېڭى ئىشلەپچىقىرىش باغچە رايونى قۇردى، كېيىنكى يىلى يېڭى زاۋۇت رايونى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارلاق گىلەمچىلىكى 360 مىڭ كىۋادىرات مېتىرلىق زاكاز ئىشلەپچىقاردى، ھازىر 3- پەسىلدە تاپشۇرۇۋالغان 160 مىڭ كىۋادىرات مېتىرلىق زاكاز جىددىي ئىشلەپچىقىرىلىۋاتىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى خېرىدارلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بازار ئېھتىياجىغا قارىتا، بۇ شىركەت بۇ يىل يېڭىدىن ئىككى ئۈسكۈنە زاكاز قىلدى، ئىشلەپچىقارغان گىلەمنىڭ سۈپىتىنى قولدا توقۇلغان گىلەم ھۈنەر سەنئىتىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلدى.

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىر ئىشچى شىنجاڭ پارلاق گىلەم سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا گىلەمنىڭ چېكىنى تورلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

نۆۋەتتە، پارلاق گىلەمچىلىكىنىڭ 2-قارارلىق تۈرىمۇئېچىلىپ قۇرۇلماقتا، بۇ گىلەم كۆرگەزمە مەركىزى ۋە گىلەم «بازىرى» قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كېلەر يىلى 7-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۆلچەرلەنگەن.

«بىز رايون ئەۋزەللىكىمىزنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنى <بىر بەلباغ بىر يول> ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا، دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز.» دېدى پارلاق گىلەم زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى كېرەم مەمەتنىياز.

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شىنجاڭ پارلاق گىلەم سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ گىلەم كۆرگەزمە زالىدا خېرىدارلارغا مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرماقتا.

  «تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى