شىنجاڭ دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتتى

日期:2023年10月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئۆرلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر، شىنجاڭ تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ يېڭى شىددەت بىلەن ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل كۈچەۋاتىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يىللىق سېلىنما نىشان - ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە «ئاپتونوم رايون بويىچە سېلىنما تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىشقا ۋاقتىدا سۇندى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر ئايدا نىسبەتەن مۇقىم ھالدا ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، قىيىنچىلىققا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىدىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ بويىچە مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ «بىر كارخانىغا بىر مەخسۇس بەن» ئالاقىلىشىش مۇلازىمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تۈر مەبلىغى، يەر ئىشلىتىش، ئورمانلىقنى ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش قاتارلىق مۇھىم ئامىل ئېھتىياجىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىپ، بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە «ئون چوڭ مېخانىزم»نى ئاساسىي لىنىيە، «ئالتە مۇھىم تىزىملىك» نى تۇتقا قىلىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرغاچقا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.4 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 5 - ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 221 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 40 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ %37تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.

شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق تارىم ئايلانما تورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى − خوتەن - نىيە - چەرچەن - چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى؛ بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىدا قۇرۇلۇش قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ؛ چوڭ مىڭقات سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملىنىپ، توك چىقىرىش زاۋۇت ئۆيى سۇ ئاستى قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈستى پۈتۈن لىنىيە بويىچە يېپىلدى ... سالماق كېمەيتىلمىدى، رىتىم توختاپ قالمىدى، 10 - ئاي كىرىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈردى، ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۈرئەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

«ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى مەھكەم تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر باشقۇرۇش قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ خۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىر شىنجاڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭى تىپتىكى زاپاس ساقلاشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ، كېڭەيتىۋاتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل شەھىرىدە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن تۆتنى قۇرۇپ، «ھىدروگېن ئون ماددىسى» نى قوللاش سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى تەرەققىيات ئىتتىپاقى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، چوڭ تۈرلەردە ئىش باشلاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتقان.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق قىسمەن ئېلېكتىر تورى ئاجىز رايونلاردا تۆمۈر فوسفات لىتىي، تولۇق ۋانادىي سۇيۇقلۇقى ئېقىمى، قاتتىق جىسىملىق ئىسسىقلىق ساقلاش، ئارىلاشما ئېنېرگىيە ساقلاش قاتارلىق قۇرۇلمىلىق تور تىپىدىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تېز تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۈنۈملۈك ئۇيغۇنلاشتى.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدا ئۈرۈمچى - سانجى ۋە فېڭخۇاڭ - ئۈرۈمچىنىڭ شىمالى، فېڭخۇاڭ - ياجۇڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى تۈرىدىن ئۈچى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ شەرقىي جۇڭغار - جەنۇبىي ئەنخۇي ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق يانداش قۇرۇلۇشى، گەنچۈەنپۇ، داۋانچىڭنى كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى تۈرى قۇرۇلۇشىدىن ئونى تېزلىتىلدى، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئالتىسىنى پۈتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ.

مەۋقە شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسى ئەۋزەللىكىگە قويۇلۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى تېز يولغا قويۇلدى. بۇ يىل ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 73 مىليون كىلوۋات ئەتراپىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 13 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى. نۆۋەتتە فۇكاڭ، قومۇل، بۇرچىن، چاقىلىقتىن ئىبارەت سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدىن تۆتى تېز ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى يىل ئىچىدە توك تارقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، 4 - يولمۇ پائال پىلانلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.