يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەتكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولىمىز

日期:2023年10月13日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ئىدىيە نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭدا سىجىل قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، مۇپەسسەل ھەم چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشقا ئەمەل قىلىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىمىز

بارلىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ھەممىسى ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ توغرا يېتەكلىشىگە موھتاج.

«تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جۈن مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى توردا تەشۋىق قىلىش ۋە بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تاشقى تەشۋىقات خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە ئىدېئولوگىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىمىز.

«شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، بايانى چوڭقۇر بولۇپ، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس لۇ چۇنپىڭ مۇنداق دېدى: مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى تەشكىللەپ سىستېمىلىق مۇھاكىمە قىلىش، نەزەرىيەۋىلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ رېئال مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىمىز؛ شەكىل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يۈزلەنگەن ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەيمىز؛ توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

قەشقەر داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دىڭ باڭۋېن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرس ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياراملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز.

مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئالىمىز

مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ.

ماناس ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە زىممىمىزگە ئېلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى قېزىش، قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىجادىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملەپ، زورايتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئەخلاق - مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى شۆ كەيچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پائال يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى (ئورنى، پونكىتى) بازا سۇپىسىنى ياخشى قۇرۇپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى، ئەتراپىمىزدىكى ياخشى كىشىلەر قاتارلىق تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، مەدەنىي يېڭى ئىستىل يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت گېنى يۈكلەنگەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «كۈچەپ جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك»، بۇ، شىنجاڭ قومۇل ئەنئەنىۋى ھۈنەر - سەنئەت خىزمەت پونكىتىنىڭ لايىھەلىگۈچىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى بولغان ئۇيغۇر كەشتىچىلىكىنىڭ قومۇل شەھىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى قادىر راخمانغا زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈزلۈكسىز توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۈنەر - سەنئەت سەۋىيەمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىك بىلەن مودا ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سىجىل يېڭى نۇر چېچىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

باتۇرلۇق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرىغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بېكمۇرات ئۇرازبېك مۇنداق بىلدۈردى: تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر قېزىپ، تارباغاتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»سىنى سىجىل روشەنلەشتۈرىمىز. ئېمىل قەدىمىي شەھەر خارابىسىنى قوغداش قاتارلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، «ماي بوياق رەسىم كەبى تارباغاتاي» ساياھەت مەدەنىيەت - سەنئەت پەسلى ماركىسىنى سىجىل يارىتىمىز. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى سىجىل ئاشۇرىمىز.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى نادىر ئەسەرلەرنى چىقىرىش ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش ئارقىلىق ئالدىن تارقىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «ئىدىيە نۇرى» «باش شۇجىنىڭ ئالتۇن جۈملىلىرى» قاتارلىق مەخسۇس خەۋەر ۋە سەھىپىلەرنى پىلانلاپ، ئىجاد قىلىپ، رايون ئىچىدىكى يېڭىچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇردى. «يېڭى دەۋردە، تاراتقۇلارنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىپ، خەۋەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا، تېخىمۇ تەسىرچانلىققا ئىگە قىلىپ، تارقىتىشنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قىلىش كېرەك» دېدى بايىنغولىن ئوبلاستلىق يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ شياۋخۇا.

«مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭ ياسى مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مېي جىجۈننى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى يەرلىك پۇقراۋى مەدەنىيەت كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركەت ئىگە بولغان رەقەملىك شىنجاڭ 8K سىن - سۈرەت سۇپىسى، پۈتۈن ساھەدىكى تارقىتىش يوللىرى، پۈتۈن زەنجىردىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى خام ماتېرىياللارنى رەقەملەشتۈرۈش، شىنجاڭ تېمىسىدىكى نادىر مەزمۇنلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچەپ چوڭقۇر قېزىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭنى ئوزۇقلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار گەن شىڭخۇا، گې يوۋجۈن، پەرىزات ئابدۇل، جيا چۇنشيا، دۇ جيەنخۇي، رېن جياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ پېيبىڭ)