چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالىمىز

日期:2023年10月13日
来源:天山网
【字体:

− ئاپتونوم رايونىمىز ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»تىن ئىبارەت ئومۇمىي تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.

ئىلمىي پىلانلاپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى باشلانغاندىن بۇيان، نەزەرىيە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تېز قانات يايدۇرۇلدى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، دىققەتنى ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى بويىچە كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىپ، مەركەزلىك تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى رۇڭنيەن مۇنداق دېدى: ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن 12 جەھەتتىكى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن 20 جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىغا توغرىلىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تېمىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئۆگىنىش داۋامىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئۆگەندى. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، تەربىيەلەپ يېتەكلەش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش، ئالاقىلىشىپ نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىش، سۆھبەتلىشىپ ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەشكە ئالاقىدار تەدبىرلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 18 ئەمەلىي ئىشنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتى، ئىلى ئوبلاستى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ھەرىكەت لايىھەسى (2023 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى» «ئەمەلىي مەنزىرە خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈردى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇش، مۇھاكىمە قىلىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن قانۇنىيەتنى چۈشەندى، ئۇسۇلنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇردى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى تارماق ئەترىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرغۇن قادىر مۇنداق دېدى: چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق پىلان تۈزۈپ چىقتۇق، ئۆگىنىش بىلەن خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، يېزا ئىگىلىك سۇغىرىشى، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قاتارلىق مەزمۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، چارۋىچىلىق كەسپىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئېتىز - ئېرىق سۇچىلىق ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى سۈپەتكە، سانغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملايمىز.

مەسىلىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىمىز

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىلگىرىلەش روھىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك قابىلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشىنى تۇتقا قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى پۇختا تۇتۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆگىنىش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىشىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈش، بىر تەرەپتىن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، «دىققەتنى بەشكە مەركەزلەشتۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىش، تۈزەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، باشلامچى ئورۇن، مەسئۇل ئورۇن، تاماملاش ۋاقىت چېكىنى ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەلەپكە توغرىلىنىپ ئالغا سىلجىتىش، ھېساباتقا سېلىشتۇرۇپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىدە سۈپەتنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بورتالا ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يەن ۋېي مۇنداق دېدى: «بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرىمىز».

يېقىندا، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.

قىزىلسۇ ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دىلشات تىلەش مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئەمەلىي قوللىنىشتا، قابىلىيەتنى كۈچەيتىش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈشتە. مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما، ئاساسىي لىنىيە ۋە تۈپ ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئىشلەپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قېزىش، پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى كۆزدە تۇتۇپ، <ماناس> ئېپوسى ۋەكىللىكىدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز».

ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز

ئۆگىنىش ئىشلەشنىڭ ئاساسىدۇر، ئىشلەش ئۆگەننى ئىشلىتىشتۇر. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تىرىشىپ پەرق، يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بەيياڭخې دەرياسىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىدا ئوڭۇشلۇق سۇ يەتكۈزۈلدى. تارباغاتاي ۋىلايىتى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي تۇتۇپ، بەيياڭخې دەرياسىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشىدا سۇ يەتكۈزۈشتە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئۈنۈمنى نامايان قىلدى.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بى خەي مۇنداق دېدى: «2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ سۇچىلىق سىستېمىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش، پۇختا ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بەيياڭخې دەرياسىغا سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، رايون سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى».

نەزەرىيەنىڭ قىممىتى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى قوللىنىشتا. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرىنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق سىستېمىسى ئومۇمىي تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، فۇنكسىيە - مەسئۇلىيەتنى چىڭ كۆزلەپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى پىكىر يولى، تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، دىققەتنى ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىقىنى دەل جايىدا قوغداپ، باش تېما تەربىيەسىدە ھەقىقىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

قومۇل شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر سائادەت ئەمەت مۇنداق دېدى: «قومۇل سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ <ئەمەلىي ئىش قىلىپ خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش> خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ئائىلە دوختۇرى كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە نازارەت قىلىش - باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، قومۇلدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى».

(مۇخبىر شيا چىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى جيەنچېڭ، لۇ جۇڭ، گو جېنيۈ، جاۋ جېندۇڭ، جاڭ بىڭ، فەن كۇن، جېڭ تېڭشىڭ)