قاراماي شەھىرى يىلىغا يېڭىدىن 9 مىليون توننا نېيترال سۇ كۆپەيتىدۇ

日期:2023年10月13日
来源:天山网
【字体:

بۇ يىل نېيترال سۇدىن قايتا پايدىلىنىش نىسبىتى %50تىن ئاشۇرۇلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ چياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، قاراماي شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇش تۈرى ئىش ئورنىدا، ئىشچىلار جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش پومپا ئۆيىنىڭ چاستوتا ئۆزگەرتىش ئىشكاپىغا قارىتا تەڭشەش سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

«نۆۋەتتە، قۇرۇلۇشنىڭ ئېلېكتىرى ۋە كىلاپانىنى ئۆزگەرتىش پۈتۈنلەي تاماملاندى، زاۋۇت سىرتىغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان تۆت كىلومېتىرلىق تۇرۇبا لىنىيەسىمۇ پۈتۈنلەي كۆمۈلۈپ بولدى» دېدى شىنجاڭ تيەنچى قۇرۇلۇش تۈرىنى باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ھاسىلىي سۇ قۇرۇلۇشى باش نازارەتچىسى ليۇ چىچېڭ.

مەركەزنىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش بويىچە تۈزىتىش دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: قاراماي شەھىرىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا 2021 - يىلى شەھەر كۆكەرتىشتە يەر ئۈستى سۈيىنى ئىشلىتىش مىقدارى 49 مىليون 800 مىڭ توننىغا يەتتى، لېكىن جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ قالدۇق سۈيىدىن ئاران 1 مىليون توننا قايتا پايدىلىنىلدى.

قايتما ئىنكاس دوكلاتىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون تۈزىتىش نىشانىنى بېكىتىپ، يۇندىدىن قايتا پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، نېيترال سۇدىن پايدىلىنىشنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىكى نېيترال سۇدىن پايدىلىنىش مىقدارىنى ئالماشتۇرۇپ، يەر ئۈستى سۈيىنى ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ يىلىغا 8 مىليون توننىدىن ئاز بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى.

قاراماي شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ تۈزەش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەپسىلىي تۈزەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تۈزەشكە تاپشۇرۇش تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختىلاپ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 16 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. بۇ قۇرۇلۇش نېيترال سۇ تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر ئۆزگەرتىش، كىلاپان قۇدۇقى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدۇ. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئۆلچەمگە يەتكەن نېيترال سۇ سىرتقا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبىسى ئارقىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى كۆكەرتىش ئاساسىي لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ياخشى سۈپەتلىك نېيترال سۇدىن ئايلانما پايدىلىنىش ئەندىزىسى شەكىللىنىدۇ.

2022 - يىلى 9 - ئايدا، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ سىرتقا سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا لىنىيەسى بىلەن ۋېييى يولى ۋە جىڭئېر يولى شەھەر مەمۇرىيىتى كۆكەرتىش ئاساسىي تۇرۇبا لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلۇپ، تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق قىسمەن رايونلاردا نېيترال سۇ بىلەن يېشىللىقنى سۇغىرىش سىنىقى قانات يايدۇرۇلدى.

«بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ھاسىلىي سۇ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى تاماملاندى ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ قۇرۇلۇش ۋېييى يولىنىڭ جەنۇبى، يىڭبىڭ چوڭ يولىنىڭ غەربىدىكى تەخمىنەن 1100 مو كۆكەرتىش رايونىنى قاپلاپ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىكى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ يىلىغا تەخمىنەن 1 مىليون توننا نېيترال سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇردى» دېدى قاراماي شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى سۇ چىقىرىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ليۇ بىڭۋېي تونۇشتۇرۇپ.

بۇ يىل، قاراماي شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ سىرتقا چىقىرىش پومپا ئۆيىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، نېيترال سۇنى سىرتقا چىقىرىش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق شەھەر مەمۇرىيىتى كۆكەرتىش ئاساسىي لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ، نېيترال سۇدىن پايدىلىنىپ ئەسلىدىكى سۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ سۇغىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

«ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىپ كۆكەرتىش تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن تۆت كىلومېتىر. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، نېيترال سۇ تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تەخمىنەن %80ى تاماملاندى، ئېلېكتىر ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەخمىنەن %60ى تاماملاندى، ئاندىن نېيترال سۇنى سىرتقا يەتكۈزۈش پومپىسى ئۆيىنىڭ ئېلېكتىرىنى تەڭشەش - قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىردى.» ليۇ بىڭۋېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئىلگىرىلەش بويىچە بولغاندا، 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىغىلى بولىدۇ.

قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي تاماملانغاندىن كېيىن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى يېڭىدىن 9000 مودىن ئارتۇق سۇغىرىش، كۆكەرتىش كۆلىمىنى كۆپەيتىدۇ، ئاخىردا يىلىغا يېڭىدىن تەخمىنەن 9 مىليون توننا نېيترال سۇ كۆپەيتىپ تېجەپ سۇغىرىش، تەخمىنەن 825 گېكتار كۆكەرتىش كۆلىمىنى قاپلاش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %40تىن ئاشۇرۇپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، 2022 - يىلى قاراماي شەھىرىدە پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي 68 مىليون 60 مىڭ توننا نېيترال سۇ ھاسىل قىلىنغان، نېيترال سۇدىن قايتا پايدىلىنىش مىقدارى 33 مىليون 846 مىڭ 300 توننىغا، قايتا پايدىلىنىش نىسبىتى %49.73كە يەتكەن. 2023 - يىلى پۈتۈن يىللىق نېيترال سۇدىن قايتا پايدىلىنىش نىسبىتىنىڭ %50تىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. نېيترال سۇ ئاساسلىقى گۇخەي باغچىسى مەنزىرىسى، نېفىتلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا سۇ ئىشلىتىش، كېۋەزنى سۇغىرىش ۋە شەھەر مەمۇرىيىتىنى كۆكەرتىش قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.