قار-يامغۇر، سوغۇق ئېقىم كەلدى! تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدۇ!

日期:2023年10月12日
来源:天山网
【字体:

10-ئاينىڭ 10-كۈنى

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇھىم ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى ئېلان قىلدى

سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە

10-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 15-كۈنىگىچە كۈندۈزگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

غەربىي قىسم،شىمالىي قىسمۋە تىيانشانتاغلىق رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ ۋە ياكى قار ياغىدۇ

تاغلىق رايوندىكى قىسمەن جايلاردا قېلىن قار ياغىدۇ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ

غەربىي قىسىم، شىمالىي قىسىمدا سوغۇق ئېقىمكۆرۈلىدۇ

10-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 8دىن 15-كۈنى سائەت 8گىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھۆل-يىغىن مىقدارىدىن ئالدىن مەلۇمات. سۈرەتنى مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن

بۈگۈن كۈندۈزدىن كېچىگىچە، تىيانشانتاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي يانباغرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا سىم-سىم ياكىئازراق يامغۇر ياغىدۇ (دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇراھال ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ.

بۈگۈن كۈندۈزدىن 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن داۋانچىڭغىچە بولغان جايلار، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلىچىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كونا شامالئېغىزى ۋە مايتاس شامالرايونى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ناۋخەي شامال رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي ۋە خۇڭيەنچى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ.

10-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 15-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشانتاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، شىمالىي قىسمى، تىيانشان تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدۇ (ھۆل-يېغىن مىقدارى 15 مىللىمېتىردىن 30 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ).

بۇنىڭ ئىچىدە، كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ۋاقتى شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمىدا 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 14-كۈنىكېچىگىچە، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى ۋە شىمالىي يانباغرىدا 10-ئاينىڭ 14-كۈنىكېچىدىن15-كۈنى كۈندۈزگىچە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كېچىدىن 15-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، تىيانشان تاغلىق رايونى، شەرقىي شىنجاڭ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىققىدۇ، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزلىرىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە بوران چىقىدۇ، 11 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.

10-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 20دىن 16-كۈنى سائەت 20 گىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا توغرىسىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىلدى. سۈرەتنى مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تەمىنلىگەن

قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايى جەريانىداتېمپېراتۇراكۆرۈنەرلىكتۆۋەنلەيدۇ

10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا8 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچەتۆۋەنلەيدۇ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسىم،شىمالىي قىسىمدىكى قىسمەن رايونلاردا سوغۇق ئېقىم كۆرۈلىدۇ

شىمالىي شىنجاڭنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا13 سېلسىيە گىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسققا تۆۋەنلەيدۇ

تاغلىق رايونلاردا7 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 3سېلسىيە گىرادۇسققا تۆۋەنلەيدۇ

تۈزلەڭلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 3 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 2 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ

تاغلىق رايونلاردانۆلدىن تۆۋەن 4سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 12 سېلسىيە گىرادۇسقا تۆۋەنلەيدۇ

ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىدە

ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك كۆرۈلىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

مەركىزىي شەھەرئۈرۈمچىنىڭ شەھەر رايونىدا

10-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدە ئازراق يامغۇر ياغىدۇ

تاغلىق رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىن قارغا ئۆزگىرىدۇ

4 بالدىن 5 بالغىچەغەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ

10-ئاينىڭ 15-كۈنى شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 11 سېلسىيە گىرادۇستىن 13 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدۇ

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى3 سېلسىيە گىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە چۈشىدۇ

تاغلىق رايوننىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 4 سېلسىيە گىرادۇستىن2 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن نۆلدىن تۆۋەن 3 سېلسىيە گىرادۇستىن نۆلدىن تۆۋەن 5 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ

10-ئاينىڭ 7-كۈنى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ داخىيەنزى بازىرى سۇمچى تاغلىق رايونىدا دېھقانلار ھاۋا ئوچۇق كۈننى چىڭ تۇتۇپ، ياڭيۇ يىغماقتا. مۇرادىل ماناس فوتوسى

مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى

بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى،شىمالىي قىسمىدا يىغىندا ھۆل-يېغىن مىقدارى كۆپ بولىدۇ

يامغۇر، قار، ئۈششۈك ۋە بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەت ۋە قاتناشقا

پايدىسىز تەسىرى بار

پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپكۈزلۈك يىغىم، ئاپتاپقا سېلىش ۋە چارۋىچىلىقتىكى يايلاق كۆچۈش خىزمىتىنىقانات يايدۇرۇشكېرەك

«تىيانشان تورى»ۋىيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى