− شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

«تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت.» مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى ھەم شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.

يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ۋەزىپەنامىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى

مەدەنىيلىك ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ، ئىدىيە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىدە ھەم مەدەنىيەت نەزەرىيە قارىشى جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلغان ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىنغان، ھەم مەدەنىيەت خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپ بار بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلگەن، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يول خەرىتىسى ۋە ۋەزىپەنامىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

«شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شۇجىسى بۇ لىڭچۈەن مۇنداق قارىدى: بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى چىڭىتىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ماركسىزم نەزەرىيەسىنى تەتقىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئوقۇتۇش، پەن ـ تەتقىقات خىزمىتىدە شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ياخشى بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەدەنىيەتشۇناسلىق ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت يەن ۋېيۋېي مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان، ئوچۇق شەكىلدىكى ئىدىيە سىستېمىسى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا ئەمەلىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىيدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ. پارتىيە مەكتىپى كادىرلارنى تەربىيەلەيدىغان ئاساسىي يول، پارتىيە نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ئاساسىي بازا، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشتىكى چوڭ پىچ بولۇش سۈپىتىدە، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيەنىڭ كۈچلۈك بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش كۈچى، قايىل قىلىش كۈچى، جەلپ قىلىش كۈچى ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى دەۋرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

«ئون نەچچە قېتىم ئۆگەندىم، ئىنتايىن ھاياجانلاندىم!» بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ياڭ يۇڭخۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. دىققەتنى «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق تۈرلۈك ۋەزىپە ـ تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

كۈرەش قىلىش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا مۇنداق تەكىتلىدى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، جەزمەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك.

« تولىمۇ ئىلھاملاندىم، چەكسىز روھلاندىم، غەيرىتىم ھەسسىلەپ ئاشتى!» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكىلەر شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، «يەتتە جەھەتتىن كۈچەش» تەلىپىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلغان، خەلقنىڭ تۇرمۇشى گۈزەل بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش كۈرىشى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز.

ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇزېيى ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈللۈك پانۇسى، ئاسما زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساش قاتارلىق جەمئىيەت تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا جان كىرگۈزۈلگەن سەھنە تىياتىرى «مىڭ يىللىق سۆز» دەم ئېلىش مەزگىلىدە 16 مەيدان قويۇلۇپ، تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى ھەم مەپتۇن قىلدى.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى مەدەنىيەت يادىكارلىقى ـ مۇزېي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تولۇق جانلاندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە سىجىل كۈچ چىقىرىمىز. جۇڭگو دۆلەت مۇزېيى، گۇگۇڭ مۇزېيى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقى ـ مۇزېي ئورۇنلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاقلىقى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدەك تارىخىي پاكىتلارنى تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىدىغان كۆرگەزمىلەرنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىمىز.

ئاقچى ناھىيەسى قۇلانساراق يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزىلىق يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت ئورنىنىڭ مەسئۇلى تۇرغانبۈبۈ ئالقوجو مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاساسىي قاتلام بازىسىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمىز.

ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز

«شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر يۈ جيې مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خارابىسى، تاش ئۆڭكۈر ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويۇش قاتارلىقلارنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان، ساياھەتچىلەر چوڭقۇر سىڭىپ ھېس قىلىدىغان خاس مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە تۈر مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس دېڭ شۈەنبىن مۇنداق بىلدۈردى: كەڭ ئەدەبىيات ـ سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر تۇرمۇشىدا يىلتىز تارتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، قېتىرقىنىپ ئىجاد قىلىپ، شىنجاڭدىكى يېڭى قىياپەت، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىدىغان جانلىق ھېكايىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىپ، كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرىدىغان، كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان تېخىمۇ كۆپ بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىمىز.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) قارىمىقىدىكى سۇپا − تىيانشان تورىنىڭ رۇس تىل ـ يېزىقى مۇخبىرى ما خۇڭشيا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدىكى «كۈچەپ خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەلىپىگە قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

بۇ يىل 9 ـ ئايدا، ئۇ شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)نىڭ «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش يولى» بويىچە چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىشىغا قاتناشتى. «كۆپ سۇپىدا كۆپ خىل تىل ـ يېزىقتا تارقىتىش بۇ قېتىمقى خەۋەر قىلىشنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى.» ما خۇڭشيا مۇنداق دېدى: گېزىتخانا (گۇرۇھ) قارىمىقىدىكى سۇپا − تىيانشان تورى، «چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» ژۇرنىلى قاتارلىقلار جۇڭگو تىل ـ يېزىقى، ئىنگلىز تىل ـ يېزىقى، رۇس تىل ـ يېزىقىدىكى مەھسۇلاتلارنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يەتكۈزۈپ، خەلقئاراغا تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. «بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جانلىق، ئىستېرېئولۇق جۇڭگو ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىمىز».

شىنجاڭ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇخبىرى بەي يۈ ئۇزاق يىل زىيارەت قىلىش بىرىنچى سېپىدە ئىشلەپ، تېلېكامېرا ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى قالتىس زور ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ماڭا مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.» بەي يۈ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيەنىڭ ئاخبارات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىقتىدارىم، قابىلىيىتىمنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاۋ شىيا، ۋاڭ نا، جاڭ جىلى، جەزىرە نېسىپبېك، لى لى، يىن لۇ، ياۋ گاڭ، سۇڭ ۋېيگو)