ئالدىنقى سەككىز ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمى قىممىتى %50تىن كۆپرەك ئاشتى

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 219 مىليارد 190 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %51.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 8 ـ ئاي بىر ئايدىلا تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 36 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئېكسپورت قىممىتى 184 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.5 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 34 مىليارد 480 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40.2 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، شىنجاڭ ئىچىدە «شىمال كۈچلۈك، جەنۇب ئاجىز» بولۇش ئەندىزىسىدىن «جەنۇب، شىمال قوش كۈچلۈك» بولۇش تەڭپۇڭ ۋەزىيىتىگە تەرەققىي قىلماقتا. «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست جەمئىي تاماملىغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى شىنجاڭنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30.5ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى» دېدى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى چىڭخۇا.

سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، شىنجاڭ بويىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاشقى سودا رەت تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئورنىدا روشەن ئۆزگىرىش بولغان. ئالدىنقى سەككىز ئايدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.5 ئېشىپ، ئۇدا ئىككى ئاي ئومۇمىي قىممەت، ئېشىش سۈرئىتىدە «قوش بىرىنچى» بولۇش ئىشقا ئاشقان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شىنجاڭ بويىچە 2 ـ، 3 ـ ئورۇندا تۇرغان.

ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا شەكلى يەنىلا چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى، ئادەتتىكى سودىنى ئاساس قىلىپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.5، %21.2 ئاشقان. جۇڭگو شىنجاڭ يەرشارىدىكى 170 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 176 مىليارد 640 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %59.1 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %80.6ىنى ئىگىلىگەن. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى 206 مىليارد 680 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.7 ئاشقان.

شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئايدىكى تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %57.1 ئېشىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93.4ىنى ئىگىلىگەن؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.9 ئاشقان. قەشقەر، قورغاس، ئالاتاۋ، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەملىمە ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104.9 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %40ىنى ئىگىلىگەن.

تىرانسپورت شەكلىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشيول تىرانسپورتى شەكلىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.8 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %68.3ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 8.8 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تىرانسپورت شەكلىگە ئايلانغان؛ تۆمۈريول تىرانسپورت شەكلىدىكى ئىمپورت ـ ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24 ئاشقان.

تاۋار قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى سەككىز ئايدا، شىنجاڭ ئېكسپورت قىلغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.3 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %54ىنى ئىگىلىگەن. قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە، لىتىيلىق باتارېيە، توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىلدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلات ئېكسپورتىدا يۇقىرى ئېشىش ساقلانغان.