سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 600 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق رايون سىرتى مەبلىغى نەقلەشتى

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 8 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنغان سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى 4684 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 113ى كۆپەيگەن؛ رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىنىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 626 مىليارد 218 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.80 ئېشىپ، 800 مىليارد يۈەنلىك پۈتۈن يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %78.28ى تاماملانغان.

شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى رايون سىرتىدىن جەلپ قىلىپ نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، بۇ ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئومۇمىي مىقدارنىڭ %18.06، %17.21، %15.13، %12.44ىنى ئىگىلىدى.

رايونلاردىن قارىغاندا، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 382 مىليارد 190 مىليون يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مىقدارنىڭ %61.03ىنى ئىگىلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.75 ئاشقان؛ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى (تۇرپان، قومۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا نەقلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ 244 مىليارد 28 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.89 ئاشقان.

ئېشىش سۈرئىتىدىن قارىغاندا، قاراماي شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %53.87، %48.72، %45.63، %40.62 بولۇپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.

سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك زاپاس كۈچى. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنى ئىقتىساد خىزمىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ۋەزىپە، بىرىنچى نومۇرلۇق قۇرۇلۇش قاتارىدا تۇتۇپ، پائال تۈردە «چىقىرىپ» «كىرگۈزۈپ» سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ سۈپەت، ئۈنۈمىنى تەڭ ئۆستۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىگەر چاقىرىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جۇ شېڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوندىكى سودا تارماقلىرى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سودىگەر چاقىرىشتىكى تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كەسىپلەر بويىچە سودىگەر چاقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا بولغان مۇلازىمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايون سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، كېڭىشىشكە ئالاقىلىشىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.