ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 5965 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالدى ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالدى

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭدا بۇ يىل يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 7 مىليارد 648 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، 8 مىليارد يۈەنلىك نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %95.6ى ئورۇندالغان؛ 5965 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان بولۇپ، 6000 كىلومېتىرلىق نىشان ـ ۋەزىپىنىڭ %99.4ى ئورۇندالغان.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى 2023 ـ يىللىق يېزا تاشيولىنى قۇرۇش، ئاسراش پىلانى ھەم ياردەم پۇل مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بەردى؛ ھەم بۆلەك رايونلارغا بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، نازارەت رەھبەرلىرى ئۆمەك باشلاپ ھەرقايسى جايلاردىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە بېرىپ، نەق مەيداندا ياردەم بېرىش ـ يۆلەش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ھەل قىلدى، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى.

«شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى يول، قاتناش مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر گۇ جىفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش ـ تىرانسپورت تارماقلىرى خىزمەت پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، نازارىتىمىز يېزا تاشيولىغا بولغان دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش، ئىلمىيلاشقان ئاسراش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى تۇتقا قىلىپ، يېزا تاشيولى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى سىجىل بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە ساقلاپ، يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش ـ تىرانسپورت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. 2022 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دا يېزا تاشيوللىرىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 151 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىپ، ناھىيە بازىرىنى مەركەز، يېزا ـ بازارلارنى تۈگۈن، كەنت ـ گۇرۇپپىلارنى تور نۇقتىسى قىلغان تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتىشىدىغان، كەڭ دائىرىدە قاپلانغان يېزا قاتناش ـ تىرانسپورت تورى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى.