«باۋلو» ماشىنا ئادىمىدىن 105ى 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتىگە ئىشقا چۈشتى، ئۇلار تۇتۇش، كېسىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارنى قىلالايدۇ

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا «باۋلو» ماشىنا ئادىمىدىن 105ى باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق پىروكاتلاش، قىزىق پىروكاتلاش قاتارلىق ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە ئىشقا چۈشتى، ماشىنا ئادەم ئادەم كۈچى مەشغۇلاتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، مەشغۇلات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، شاۋقۇن، چاڭ ـ توزانلىق مۇھىت ۋە ئۇچقۇن چاچراپ كۆيۈپ يارىلىنىش خېيىم ـ خەتىرىدىن ئازاد قىلدى.

10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ 3500mm كەڭلىكتىكى قېلىن تاختا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يۈرۈش تۇتۇش، كېسىش، يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل سىستېما مۇجەسسەملەنگەن پۈتۈن لىنىيەلىك ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىش ماشىنا ئادىمى تەڭشەلگەچ ئىشلەپچىقىرىشنى يۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىغا كىردى.

ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىش ماشىنا ئادىمى كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىپ، لازېر نۇرىدا كېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەۋرىشكىنى پىششىقلاپ كىچىك ئەۋرىشكىگە ئايلاندۇرىدۇ، لازېر نۇر بىلەن بەلگە سېلىش ماشىنىسى كىچىك ئەۋرىشكىگە ئاپتوماتىك بەلگە سالغاندىن كېيىن، AGV كىچىك ماشىنىسى ئارقىلىق ئەۋرىشكىنى تەجرىبىخانىغا ئاپتوماتىك يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، تۇتۇش، كېسىش، يىغىش، يەتكۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ماشىنا ئادەم مەشغۇلات قىلىپ تاماملاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەسلىدىكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئەۋرىشكە ئېلىش، يۆتكەش، پىششىقلاپ ئەۋرىشكە ياساش مەشغۇلاتىنىڭ ئورنىنى ئالدى.

«ماشىنا ئادەم ئىش ئورنىغا چىقسا، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ۋە خەتەر كوئېففىتسېنتىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى تېجىگىلى بولىدۇ. ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىش ماشىنا ئادىمى ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئۆلچەپ كېسىشتىكى ئەۋرىشكە ئېلىش زىيىنى 100mm ئازايتىلىپ، ماتېرىيال بولۇش نىسبىتى %0.28 ئاشۇرۇلىدۇ. ھەر يىلى ئۈنۈمنى 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئىشخانىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئېلېكتىر مۇتەخەسسىسى گو يۇڭ تونۇشتۇرۇپ.

ئاپتوماتىك ئەۋرىشكە ئېلىش ماشىنا ئادىمىدىن باشقا، سوغۇق پىروكاتلاش ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ماشىنا ئادەم بىلەكلىرى پولات ئورامغا پۈركۈپ كود باسماقتا ئىدى.

گو يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەسلىدە پولات ئورامغا كود بېسىش ئادەم كۈچى ئارقىلىق تاماملىنىدىغان بولۇپ، خىزمەت مىقدارى زور ئىدى. يېڭىدىن ئىش ئورنىغا چىققان ماشىنا ئادەم ئاپتوماتىك كود بېسىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى رىتىم، يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

نۆۋەتتە، ماشىنا ئادەملەر باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتىنىڭ پولات ـ تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن جەريانىغا قاتناشتى، پولات تاۋلاشتىن چارلاپ تەكشۈرۈش ھەم ئەۋرىشكە يەتكۈزۈپ تەكشۈرۈشكىچە ھەممىسىنى ماشىنا ئادەم تاماملايدۇ.

«10 مىڭ باۋلونى ئىش ئورنىغا چىقىرىش» تۈرى جۇڭگو باۋۋۇ ئاقىل ياسىمىچىلىقىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى بولۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ يىل، باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتى «باۋلو» ماشىنا ئادىمىنى ئىش ئورنىغا چىقىرىش پىلانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «باۋلو» ماشىنا ئادىمىدىن 151نى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش نەق مەيدانىدا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ئادەمنى ئازايتىش، ئادەمسىزلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ تېزلىتىشنى پىلانلىدى.