بۇغداي + قوناق «ئىككى بالدۇر پىشىدىغان زىرائەت» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1300 كىلوگىرامدىن ئاشتى

日期:2023年10月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت ئىلمى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىككى بۆلەك ئېڭىز قونىقىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىدى. ئىككى ئورۇندىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا قوناقنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 650 كىلوگىرامدىن ئاشتى، يازغى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرگەندە، ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدا بۇغداي + قوناق «ئىككى بالدۇر پىشىدىغان زىرائەت» ئەندىزىسى بويىچە ئاشلىقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 1300 كىلوگىرامدىن ئاشتى.

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى بىلەن بىر يىلنىڭ ئىككى پەسلىدە ئاشلىق ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. بالدۇر پىشىدىغان كۈزگى بۇغداي + چىلگە قوناقتىن ئىبارەت «ئىككى بالدۇر پىشىدىغان زىرائەت» ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سالقان ساي مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، تۇپراق بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قارىتا، كۈزگى بۇغداي ۋە قوناق پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇردى، «ئىككى بالدۇر پىشىش» بويىچە يۈرۈشلۈك بالدۇر پىشىدىغان ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق سورتلارنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئىلغار ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، بۇ ئەندىزىدىكى ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

سالقان مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى 1300 كىلوگىرامدىن ئاشۇرۇش كۆلىمى 400 مو ۋە 350 مو كېلىدىغان ئىككى تۇتاش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇمات، بۇ، ئالاقىدار سورت ۋە يۈرۈشلۈك ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ كەڭ دائىرىدە كېڭەيتىلىش شارائىتىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ بۇغداي، قوناق كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنى تايانچ قىلىپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئېڭىز قونىقى تېرىش شەكلىنى ياخشىلاپ، «ئىككى بالدۇر پىشىش» بويىچە يۈرۈشلەشتۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بۇ، قوناق تېرىشتىكى بۆسۈش بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ بىر قېتىملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاشلىق زىرائەتلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ 2 ـ دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى لياڭ شياۋلىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تېخنىكىلارنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشى، ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا «ئىككى بالدۇر پىشىش» ئەندىزىسى بويىچە ئاشلىقنىڭ مو بېشى ھوسۇلىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىدا ئۈمىد بار.